قارىقاشتا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2018.12.28
بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر رەسىملىك ئۇچۇردا، بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكانجىلغا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل ئىكەنلىكى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، 78 ياشلىق بوۋىسى تەرىپىدىن قارىلىۋاتقان بۇ بالا ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭدە مۇز تېيىلىپ ئويناۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە مۇزلاپ جان ئۈزگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى رەسىملىك ئۇچۇردا، ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن بالىنىڭ ئىسمىنىڭ رەخمۇتۇللا شىرباقى ئىكەنلىكى ۋە زاۋا يېزىسىنىڭ چوكانجىلغا كەنتىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، زاۋا يېزىسى قاراقاش ناھىيىسىگە تەۋە بولۇپ، بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار، ۋەقەگە ئالاقىدار مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇلار ئوچۇق ھالدا بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. زاۋا يېزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى خادىملار ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بىر خادىم ۋەقەنىڭ زاۋا يېزىسىنىڭ چوكانجىلغا يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. قارىقاشتىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ مەزكۇر ۋەقەنى كەنتتە ئېچىلغان يىغىندا كەنت سېكرېتارىدىن ئاڭلىغان. سېكرېتار كەنتتىكى ئاھالىلەرنى بالىلىرىغا ياخشى قاراش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. قارىقاشتىكى بىر ساقچىخانا خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆستەڭگە چۈشۈپ ئۆلگەن بالىنىڭ زاۋا يېزا 2 -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 -يىللىق 6 -سىنىپىدا ئوقۇيدىغان بىر ھەدىسى بار بولۇپ، ھەدىسى بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا سىنىپ تەربىيەچىسىگە ئىنىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئەتىسى ئۆستەڭدىن جەسىتى تېپىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ساقچى خادىمى بۇ ئەھۋالنى مەكتەپتىكى ئەنە شۇ سىنىپ مەسئۇلىدىن ئۇققان. مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە يېقىنقى 3 ھەپتىدىن بېرى قاتتىق سوغۇق بولغان، ئۆستەڭلەردىكى سۇلار مۇز تۇتقان.
ئىسمىنىڭ رەخمۇتۇللا شىرباقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ بالا تۇرۇۋاتقان ھويلىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، رەخمۇتۇللا ئۆستەڭدە مۇز تېيىلىپ ئويناۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئەتىسى ئۆستەڭدىن جەسىتى تېپىلغان. بۇ خادىمنىڭ يەنە رەخمۇتۇللا شىرباقىنىڭ ھەدىسىنىڭ سىنىپ مۇدىرىدىن ئۇقۇشىچە، رەخمۇتۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق بولۇپ، ئۇ چوڭ ئۆيدە يەنى بوۋىسى ۋە مومىسى تەرىپىدىن قارىلىۋاتقان ئىكەن. ئاھالىلەرنىڭ يەنە ئۆزلىرى قاتناشقان كەنت يىغىنلىرىدىن ئۇقۇشىچە، رەخمۇتۇللا شىرباقىنىڭ ئاتا-ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەن. خادىملاردىن بىرى گەپ ئارىسىدا رەخمۇتۇللانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارىقاشتىكى بوستانكۆل يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى قارىقاشتا ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ مۇزلاپ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.