قارىقاش پۇرچاقچىدا يەنە قانلىق ۋەقە: ساقچى زوراۋانلىقىغا ئىسيان كۆتۈرگەن ياش ئېتىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.02.17
xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP


بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە تىنجىمىغان يەنى ئارقا - ئارقىدىن ۋەقە چىقىپ تۇرغان جايلاردىن بىرى قارىقاش ناھىيىسىنىڭ پۇچاقچى يېزىسى. بۇ يېزىدا بۇلتۇر، تاراۋىدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى ۋە تاراۋىدا ئادەم تۇتقان سېكرىتارنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، 9 نەپەر پىدائىينىڭ كەپە ئۆيدە قورشاۋغا ئېلىنىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى؛ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن پۇرچاقچىنىڭ باشقۇدۇقلا كەنتىدە يول چارلاۋاتقان ساقچى ۋە ھەربىيلەر، بىر ئۇيغۇر ياشقا زوراۋانلىق قىلغان، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بۇ ياش يېنىدىكى پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ھەربىيلەرگە ئېتىلىۋاتقان چاغدا ئېتىۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە ھەققىدىكى يىپ ئۇچى تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاراقالغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ساقچى ۋە كەنت باشلىقلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى.

دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.