رابىيە قادىر خانىم: «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يالغان ئاپتونومىيىسىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس ۋە قوبۇل قىلمايدۇ»
2015.09.29
دەل مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىق شانلىق مۇساپىسى» توغرىسىدا تەشۋىقات ساھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ 60 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر ساھەگە مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر، زور تەرەققىياتلار ئېلىپ كېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا «ھازىر، شىنجاڭدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئالاھىدە كەسكىن، ‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن بولغان كۈرەش بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قىلچىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىق كېرەك» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «خىتاي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بۇ يالغان ئاپتونومىيىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمىدى ۋە مىللىي كۈرىشىنى 60 يىلدىن بۇيان توختىتىپ قويمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قايسى ئۇسۇلدا باستۇرسۇن، ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك يولىدىكى بۇ كۈرەشنى داۋام قىلىدۇ» دەپ بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.