رابىيە قادىر خانىم: مەن تەيۋەنگە ھەر زامان بېرىشكە تەييار
2016.12.22

يېقىندا تەيۋەن پارلامېنتىدا چاقىرىلغان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يىغىنىدا پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ، تەيۋەننىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ھەر زامان قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن، 29-كۈنىگىچە تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات پائالىيىتى تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى قويۇش قارار قىلىنىپ، گاۋشيۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت رابىيە قادىر خانىمنى كىنو فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلغاندا، تەيۋەن رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، فېستىۋالدا مەزكۇر فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىگەن.
شۇنداقلا تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى «رابىيە قادىرغا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› دېگەن تېررورچى تەشكىلات بىلەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دەپ جاكارلىغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىم كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن توسالغۇلاردىن كېيىن فېستىۋالدا «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» قويۇلۇپ، تەيۋەننى لەرزىگە سالغان ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ بەس-مۇنازىرىلەر بولۇشقان ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ، يەنى يېقىندا «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتىدا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان يىغىندا تەيۋەنلىك ئاتاقلىق ناخشىچى، تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى، تەيۋەن پارلامېنتى تىبەت مەسىلىسىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى فرېدي لىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «تەيۋەن رابىيە قادىر خانىمنى ھەر زامان قارشى ئالىدۇ. مېنىڭ ئەزالىرىم رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىمنىڭ مەزكۇر تەكلىپىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر زامان تەيۋەنگە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يېقىن كەلگۈسىدە تەيۋەندە ئېلىپ بارىدىغان ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مۇساپىرلىرىغا تۇتقان سىياسىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغىمۇ تەتبىقلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە تەيۋەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئۆزى ھەققىدە ئىشلىگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق فىلىمنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان ئىجابىي رولى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.