گۆرۈدىكى مەھبۇس رىشات ھاجىنىڭ سوتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.23
abduweli-haji-turkiye-atush.jpg خىتاي ئىزدەۋاتقان ئابدۇۋەلى ھاجى
Photo: RFA


بىز ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئاتۇشتىكى رىشات ھاجى ئىسىملىك بىر دۇكاندارنىڭ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ئۈچۈن دەسلەپتە گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئارقىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە بىر يۈرۈش خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدۇق. ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، رىشات ھاجىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سوتى ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشى بۈگۈن رادىيومىزغا ئەلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، رىشات ھاجىنىڭ سوتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدىمۇ رىشات ھاجىنىڭ سوتىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقى دەلىللەندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەھبۇس رىشات ھاجى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىز، بۈگۈن رادىيومىزغا يەنە بىر پارچە ئەلخەت يوللاپ، ئەسلىدە دىكابىرنىڭ بېشىدا ئېچىلماقچى بولغان سوتنىڭ نامەلۇم سەۋەبتىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان سوت خادىمى، بۇنداق بىر سوتنىڭ ئېچىلغان ۋە ئېچىلىدىغان سوت جەدۋىلىدە يوقلۇقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەھۋالنى رىشات ھاجىنىڭ دېلوسىنى تۇتقان ساقچى خادىمىدىن ئېنىقلاپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى. بىز رىشات ھاجىنى تۇتقۇن قىلغان ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئەھۋالنى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىدىن ئېنىقلاپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى. ئەمما، دېلوغا مەسئۇل ساقچىلار، بۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

79 ياشلىق رەيھاننىسا ئانىنىڭ قاماققا ئېلىنغان كىچىك نەۋرىسى رىشات ھاجى
79 ياشلىق رەيھاننىسا ئانىنىڭ قاماققا ئېلىنغان كىچىك نەۋرىسى رىشات ھاجى

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، رىشات ھاجىنىڭ مومىسى رەيھاننىسا خانىم، قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن سوت ھەققىدىمۇ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى، ھەتتا ئادۋوكاتمۇ تۇتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

بىز ساقچى ۋە سوت خادىملىرىنىڭ تەۋىسىيەسى بويىچە، رىشات ھاجىنىڭ سوتى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر ئائىلە رىشات ھاجىنىڭ سوتىنىڭ تېخىچە ئېچىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن، رىشات ھاجىنىڭ سوتىنىڭ ئېچىلمىغانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن ياكى بىكار قىلىنغانلىقى، كېچىكتۈرۈلگەن بولسا نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە قاچانغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.