رۇقىيە تۇردۇش: «ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقىنىم ئۈچۈن كانادادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدىم»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.02.15
Ruquye-Turdush.jpg كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، 11-فېۋرال كەچتە ئۇيۇشتۇرۇلغان رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ لېكسىيەسىدىن كېيىن، 13-فېۋرال كۈنى ماك ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تور بېكىتىدە يەنە «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ تەلەپنامىسى» نامىدا ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئوچۇق خەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كانادادىكى مەكتەپلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىردە بولغۇچىلار ۋە پائالىيەتلەر ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، 12-فېۋرال كۈنىدىكى لېكسىيە ئەھۋالنىڭ كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

رۇقىيە خانىم ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ ماك ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت سالغانلىقى توغرىلىق ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە يەنە كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا جېمى لامو ئىسىملىك تىبەتلىك قىزنىڭ ئەركىن رىقابەت ئارقىلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى نارازى قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ئوقۇغۇچىلار شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىنمۇ «خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەلەپنامىسى» ناملىق نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، جېمى لامونى «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچى تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىسى» دەپ ئاشكارا ھۇجۇم قىلغان ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىگە سايلامنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەھدىت سالغان.

كانادادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن شېڭ شۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادادا يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈردى. 

شېڭ شۆ خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قارىتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىگە قارىتا شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى بىلەن ئاتالمىش «خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نارازىلىقى» دېگەندەك ناملاردا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تەھدىت سېلىش ھەرىكەتلىرىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا تەھدىتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشى لازىملىقىنى، ئۇندىن باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭمۇ بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

14-فېۋرال كۈنى «ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرلەشمە باياناتى» ناملىق بىر بايانات ئېلان قىلىنىپ، كانادانىڭ ماك ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئىمزا قويۇش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ باياناتتا كانادادا يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سېلىش ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە ئامېرىكا، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت قارىشى، شەخسلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە پائالىيەت ئەركىنلىكىگە تەھدىت پەيدا بولۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل پاراكەندىچىلىك قىلمىشلارغا قارىتا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي تەدبىر كۆرۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.