يېقىندا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇلار مەزكۇر ئوچۇق خەتلەردە بىردەك شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىملارغا قارىتا ئادالەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئوچۇق خەت سۇنۇشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
نىجات تۇرغۇن ئۆز سۆزىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئالدىنقى يىللاردا شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سۇنغان ئوچۇق خەتلەرگە ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئاخىرىدا ھەر يىلى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سۇنۇلغان ئوچۇق خەت ۋە دوكلاتلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەنىڭ دېموكراتىك ئەل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئادالەت مەيدانىدا تۇرۇپ قارىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل 3-ئىيۇلدا شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.