مەرەمنىسا تۇردى 3 مىڭ سوم پۇلىنى تارتىۋالغان ساقچىخانىغا ئوغلىنىڭ 38 مىڭ سوم دوختۇرخانا چىقىمىنى تۆلەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.09.20
memtimin-yasin-305.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مەمتىمىن ياسىن.
RFA


5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى مەرەمنىسا تۇردى ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتى ئىچىدە، ئۆز ئەھۋالىنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشتىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقانلاردىن بىرى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن تاپشۇرۇۋالغان 500 دوللار پۇلنى، ساقچىلارنىڭ مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇنىڭ 18 ياشلىق ئوغلى تاسادىپىي بىر ھادىسە بىلەن دوختۇرخانىدا بولۇپ قالغان ۋە ئوپېراتسىيە ئۈچۈن 38 مىڭ سومغا ئېھتىياجى تۇغۇلغان. مەرەمنىساخان بۇ قېتىم پۇلنى تارتىۋالغان شۇ ساقچىخانىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنداق قىلمىسا ئوغلىنى شەھەرلىك ساقچىخانا ئالدىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ساقچىلار ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ 38 مىڭ سوم چىقىمىنى تۆلەپ بەرگەن.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن بىر تۈركۈم غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ئەھۋاللىرىنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان ۋە بەزىلىرى ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى بۇ يولنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا. غايىپلاردىن مەمتىمىن ياسىننىڭ ئايالى مەرەمنىسا تۇردى، مانا بۇلاردىن بىرى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يولدىشى غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ 4 بالىسى ئوقۇشسىز قالغان. 14 ۋە 16 ياشلىق ئىككى بالىسى ئانىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن نۆۋەتتە دۆڭكۆۋرۈك كوچىلىرىدا باققاللىق قىلماقتا. يېقىندا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تەبىئىي بىر ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ۋە پۇتىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىپ، 38 مىڭ سوم پۇل كېرەك بولغان. دوختۇرلار ئۇنىڭغا پۇلنى تۆلىيەلمىسە، ئوغلىنى دوختۇرخانىدىن ئاچىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

بۇ چاغدا مەرەمنىسا، ئۆزى تۇرۇۋاتقان تەۋەلىكتىكى خوتەنيولى ساقچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. ئۇ بالىلىرىنى باقىدىغان يولدىشىنى ساقچىلارنىڭ يوقىتىۋەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ساقچىلاردىن دوختۇرخانا چىقىمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەگەر ساقچىلار بۇ پۇلنى تۆلىمىسە، ئوغلىنى شەھەرلىك ساقچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويىدىغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆز يولدىشىنى تۇتۇپ كېتىپ يوق قىلىۋەتكەنلىك ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە يايىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقىمۇ ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ساقچىلار ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئوپېراتسىيە پۇلىنى ئۆزلىرى تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىگە قول قويغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ جاراھىتىگە قارىتا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. مەرەمنىسا، ساقچىلارنىڭ 38 مىڭ سوم دوختۇرخانا چىقىمىنى تۆلەپ بېرىش بىلەنمۇ، يولدىشىنى ئىزدەش سەپىرىدىن توختىمىغان. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئالاقىدار خىتاي دۆلەت خادىملىرىغا يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا يېتىپ بارغان. مېھمانخانا مۇھاپىزەتچىلىرى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار، مەرەمنىسا خانىمغا كايىغان ۋە تۆلەپ بەرگەن پۇلىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭغا دوق قىلغان. مەرەمنىسا خانىم بولسا، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ 38 مىڭ سوم تۆلەم بىلەن بېسىقمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز يولدىشىنى ئىزدەش سەپىرىنىڭ توختىماس بىر سەپەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەرەمنىسا خانىمنىڭ تىنچىماس نارازىلىقى، بوشاشماس قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ 38 مىڭ سوم پۇلىنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بۇ ساقچىخانا، روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئۇنىڭغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن 3000 سوم ياردەم پۇلىنى تارتىۋالغان ئىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە مۇقەددەس بولغان دىنىي ئېتىقاد ھېسسىياتىغا ھاقارەت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسچىت ھويلىسى ۋە مەسچىت مۇنارلىرىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، ھەتتا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى يېزا مەسچىتلىرىنىڭ مېھرابلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېسىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى ماددىلارغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىنى ئاشكارا ھالدا ھاقارەت قىلىش قىلمىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى، «ئەلجەزىرە» ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى توخۇلا يېزىسى قۇمباش مەسچىتىنىڭ مېھرابىغا ئېسىلغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ رەسىمىنى كۆرگىنىدە دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەسچىتكە ئېسىلىشىغا سۈكۈت قىلغان مەسچىت ئىمامى قاتارلىق ئاتالمىش«ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» دىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەقىقىي ئىمانى بار ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق قىلمىشقا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەرجان ئەپەندى يەنە، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى مەزكۇر مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بۇ يولسىز قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشقا چاقىردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بولسا، مەسچىت مېھرابىغا بايراق ئېسىشقا بويۇن ئەگكەن «ئاتالمىش دىنىي زاتلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجراچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىمام بولۇش ئەمەس، ھەتتا بىر مۇسۇلمان بولۇشقىمۇ لايىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئەمەس، بەلكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «سەزگۈر شەخس» دەپ قارىلىپ، كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىمۇ بۇ ھەپتە «ئەلجەزىرە» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشنى توختاتمىسا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ: دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى، گەرچە بۇ نارازىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجىز ھەتتا سۈكۈت ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولالمايدۇ. خەلقىمىز ھەرگىزمۇ داۋاملىق ھالدا سۈكۈت ئىچىدە ئوز ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىۋېرىشكە رازى ئەمەس، ئۇلارنىڭ غەزىپى تېشىشىنى كۈتۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس، دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.