تۈرمىدىكى سودىگەر ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە شاھىت بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى
2018.02.13

قەشقەردىكى سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم قاتارلىق 4 نەپەر تونۇلغان سودىگەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا ئۆتكەن يىلى مەكتۇپ ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا، ئۇنىڭ يەكەندىكى ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە شاھىت بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مەزكۇر سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ 2014 -يىلى ئېلىشقۇدا ۋەقە يۈز بېرىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىتاي سېكرېتارى بىلەن بىرلىكتە يەكەنگە ھال سوراشقا بارغانلىقى ۋە جەمئىيەت نامىدىن 50 مىڭ توننا كۆمۈر ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا ئۇنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە شاھىت بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سابىق ئەزاسى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن يەكەنگە دائىرىلەر بىلەن بىرلىكتە ھال سوراشقا بارغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇجېلىل ھاجىم دەسلەپكى قېتىمدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ خىتاي سېكرېتارى بىلەن بىرلىكتە ھال سوراشقا بارغان، كېيىنكى قېتىمدا بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئاغزاكى تەستىقى بويىچە سودىگەرلەر جەمئىيىتى نامىدىن ياردەم بېرىشكە بارغان ۋە ئېلىشقۇ ئاھالىلىرىگە 50 مىڭ توننا ئەتراپىدا كۆمۈر تارقىتىپ بەرگەن.
ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى زاكات بېرىش ۋە خالىسانە پۇل ياردەم قىلىش قاتتىق چەكلىنىپ كەلگەن؛ ھەتتا قەشقەرنىڭ ياپچان قاتارلىق جايلىرىدا بىر كىشىگە 5 يۈەن پۇل بېرىشمۇ گۇمانلىق ھەرىكەت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە چەكلەنگەن. مانا مۇشۇ سەۋەبلىك ئابدۇجېلىل ھاجىم گەرچە دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىشقۇ ئاھالىلىرىگە ياردەم قىلغان بولسىمۇ، يەنى جاراھىتىنى تېڭىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، يەنى رۇخسەت رەسمىي ھۆججەت ئارقىلىق ئەمەس، ئاغزاكى بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خەير-ساخاۋەت ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلغان؛
ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يەكەن تومئۆستەڭدىكى مال دوختۇر خالىق تۇرسۇن، بىر گۇماندارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. خالىق تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەن يارىدارغا ئىنسانىي ۋە كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىشى جازاغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىكى ئاتالمىش جىنايەتچىلەرنىڭ مەھەللە-كويلىرىغا، ئالدىغا بېرىپ ياردەم قىلىشتەك بۇ يول ئابدۇجېلىل ھاجىم ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى بارغانسېرى ئەنسىرەتكەنىكەن ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە باشقا سودىگەرلەرنىڭ داۋاملىق ياردەم قىلىش ئىستىكى بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ گېپىدىن يېنىۋېلىش ۋە ئۆزىگە خەۋپ-يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەم پائالىيىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختاتقان.
تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇجېلىل ھاجىم تىجارەت ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن؛ دائىرىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئىشتىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ يەكەن ئېلىشقۇغا ياردەمگە بېرىشى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دائىرىلەرنىڭ قوزغىشى بىلەن بولغان؛ ئابدۇجېلىل ھاجىم شۇنچە ئېھتىيات قىلىپمۇ، يەنە پالاكەتچىلىكتىن قۇتۇلالمىغان. ئۇنى يەكەنگە ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئەمەلدارلار، ئۇ سوتقا تارتىلغاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان.
ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ تەقدىرى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە ئائىت مۇھىم سىرلارنى بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئۇنىڭ بىلىپ ياكى بىلمەي ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ يېقىنلىرىغا ياردەم قىلىپ سالغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبلىك تېررورچىلارغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى بولسا، ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ يەكەندە خىتاينىڭ دۆلەت سىرلىرىنى بىلىپ قالغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.