ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقار: «451 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ، تۈرك خەلقىگە تەسىر كۆرسەتتۇق»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.13
Ershidin-erkin-zulpiqar-eli-1.jpg سۈرەتتە، (سولدىن) مەريەم سۇلتان، ئەرشىدىن ئېلى ۋە زۇلپىقار ئېلى قاتارلىقلار.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى غەرب ئەللىرىدە ئىزچىل ھالدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىن پىيادە يولغا چىققان ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن ئۇيغۇر ياش زۇلپىقار ئېلى 10-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇلارنى ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى ئەنقەرەنىڭ كىرىش نۇقتىسىدا كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىندى.

بىز بۇ سەپەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق. ئۇلار: «تۈرك ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىدۇقمۇ-يوق، بىلمەيمىز، ئەمما تۈرك خەلقىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىمىز ئېنىق» دېدى. ئەرشىدىن ئەركىن زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنىڭ ئازىيىشىغا بىرئاز بولسىمۇ پايدىسى بولارمۇ دېگەن ئوي بىلەن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگىچە بولغان 451 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تەكىتلىدى.

ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن زۇلپىقار ئېلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگىچە پىيادە مېڭىپ كېلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قىش پەسلى ۋە سوغۇق دېمەستىن كېچە-كۈندۈز پىيادە مېڭىشى يول بويىدىكى تۈرك خەلقىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. بۇ سەپەر يەنە تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ قاتتىق دىققىتىنى تارتقان. چوڭ-كىچىك بولۇپ، 20 گېزىت ۋە 8 ئەتراپىدا تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقان شۇنداقلا بۇ يۈرۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇھىم خەۋەر تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئەرشىدىن ئەركىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى يەنە ئەنقەرەدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن ئىستانبۇل يېقىنىدىكى قوجائالى ۋىلايىتىدىن تارتىپ ئەنقەرەگىچە بىللە مېڭىپ كەلگەن ئۇيغۇر ياش زۇلپىقار ئېلى ئىستانبۇلدىن-ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىپ كېلىشنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، ئەمما تۈرك خەلقىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ سەپەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇش جەھەتتە پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

زۇلپىقار ئېلى ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن زۇلپىقار ئېلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنقەرەدە، شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئىككى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىكەن.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەريەم سۇلتانمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىر قولىدا كۆك بايراق، يەنە بىر قولىدا تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈپ ئەنقەرەگە كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەرشىدىن ئەركىن 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 2015-يىلى ئاكىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. زۇلپىقار ئېلى بولسا 1989-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2000-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ئەسكىشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت ۋە مېھمانخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھازىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.