خىتاي ئەرزدارلار توسالغۇسىز كىرىپ كېتىۋاتقان دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار كىرگۈزۈلمىگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.03.02
Beyningdiki-erzdarlar-305.jpg خىتاي كوممۇنىست خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلىش مەزگىلىدە، ئەرزدارلار سوت مەھكىمىسى ئالدىدا. 2011-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
www.boxun.com

بۈگۈن، يەنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى چاغانلىق دەم ئېلىشىنى تۈگىتىپ، ئەرزدارلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىشىكىنى ئاچقان؛ ئىشىك ئالدىغا توپلانغان بەش يۈزدىن ئارتۇق خىتاي ئەرزدار ھېچقانداق توسالغۇسىز كىرىپ كېتىۋاتقان ئىشىكتىن ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار كىرىشكە تەمشەلگىنىدە، ئۇلار توسۇۋېلىنىپ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇلار دەرۋازىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپلا قالماستىن، جايىدا 20 مىنۇتچە توختىتىپ قويۇلغان.
ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تېلېفونلىرىدىن ئۆزلىرىنى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ياكى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار، ئاخىرى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدىن قېچىپ قۇتۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ھەر بىر ئەرزدارنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كىرىشىگە پەقەت 3 ئايدا بىر قېتىم يول قويىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر 12-ئايدا ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كىرگەن ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار، بۈگۈن قايتا كىرىش پۇرسىتى يېتىپ كېلىپ دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا بارغان. 500 دىن ئارتۇق خىتاي ئەرزدار توسالغۇسىز ھالدا كىرىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىشىكتىن ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار كىرگۈزۈلمىگەن.

بۇلتۇرنىڭ تۈنۈگۈنكى كۈنىدە يەنى 1-مارت كۈنى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن، ۋەقەدە 5 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي خىتاي تەرەپتىن 31 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 141 كىشىنى يارىلاندۇرغان. تۈنۈگۈن يەنە چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئېلى مەتتۇرسۇن ئىسىملىك بىر گۇماندار ساقچىلارنىڭ قولىدىن ئىككى قورالنى ئېلىپ قېچىپ 15 سائەتتىن كېيىن تۇتۇلغان. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەن بولۇشى، ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىن مەزگىلى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بىر ۋاقىت، شۇڭا، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يەنى 5-مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىن، بۈگۈن ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاۋارىچىلىكنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

ۋەقە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.