پەرھات مۇھەممەد: سىياسىي يىغىنلار، بەلكىم قاراقاش پارتكوم ھۇجۇمىنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبلىرىدىن بىرى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-01-16
Share
xoten-herbiy-saqchi-qoralliq.jpg خىتاينىڭ خوتەنگە يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست.
AFP

خىتاي 28-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەب ۋە تەپسىلاتىنى داۋاملىق ھالدا يوشۇرماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقەدىكى ھۇجۇمچىلاردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋالغا قەدەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى سىياسىي تەربىيە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى، نۆۋەتتە خوتەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەلىم-تەربىيە يىغىنلىرىنىڭ قاراقاش پارتكوم ھۇجۇمىغا تۈرتكە بولغان قوزغاتقۇچ سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاشكارىلىنىشىچە، 28-دېكابىر كۈنى قاراقاش پارتكومغا ھۇجۇم قىلغان ئاكا-ئۇكا گۇماندارلار جۈمەبازار كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي يىغىنغا ۋەقەدىن بىر كۈن ئاۋۋالغا قەدەر تولۇق قاتناشقان.

جاھاباغ كەنتىدىكى گۇماندار ئابدۇلېتىپ مەتتۇرسۇنمۇ، سىياسىي يىغىنلارغا باشتىن-ئاخىر تولۇق قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ۋەقەنى سىياسىي يىغىندىن چىقىپ ئېلىپ بارغانلىقى نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىمۇ ئويلاندۇرماقتا ۋە نۆۋەتتىكى يىغىنلاردا بۇ ئىبرەتلىك ۋەقە سۈپىتىدە كەنت مەسئۇللىرىغا بىلدۈرۈلمەكتە. ئەمما دائىرىلەر مەيلى ئاخبارات، مەيلى يىغىنلىرىدا بولسۇن، بۇ سىياسىي يىغىنلار بىلەن مەزكۇر ھۇجۇم ئارىسىدا بىر سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قاراقاش پارتكوم ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىقتىن ئىبارەت ئومۇمىي بىر سەۋەبتىن باشقا يەنە، بىرقانچىلىغان قوزغاتقۇچ سەۋەبلەرمۇ بار، بۇلاردىن بىرى يېزىلاردا ئاخىرى ئۈزۈلمەيۋاتقان سىياسىي يىغىنلار.

پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر ئۆز ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشتىن بەكرەك، ئاھالىلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرماقتا.

يەنە پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي يىغىنلارنى ياقتۇرۇشى ۋە تەربىيەنى يۇقتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ يىغىنلار ئاھالىلەردە دەسلەپتە بىزارلىق، ئارقىدىن نەپرەت ۋە ئۇنىڭ ئارقىدىن بەزى ئىجرئاتلار بىلەن قېتىلىپ ئىنتىقام تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن. ھۇجۇمچىلار نۆۋەتتىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇھىتىدا ئۆز پىلانلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاش، پىلانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي يىغىنلارغا تولۇق قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن قاراقاش پارتكومىغا ھۇجۇم قىلغان گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇمنى سىياسىي يىغىندىن چىقىپ ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت