باي ياقائېرىق ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان قوزغاتقۇچ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئايدا باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋە 17 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ياقائېرىق ۋەقەسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى داۋامىدا يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، شۇ قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈشكە پىدائىيلاردىن پەرھات سەمەتنىڭ ئەر-ئايال ئايالى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات سەمەتنىڭ ئايالىنىڭ كىيىنىشىدىكى دىنىي قىياپەت كەنت سېكرېتارىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، سېكرېتار بۇ گۇمانىنى يېزا سېكرېتارىغا مەلۇم قىلغان، يېزا سېكرېتارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزا ساقچىلىرى ئۆينى تەكشۈرگەندە پەرھات سەمەتنىڭ ئايالى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدىن بىر خەنجەر تېپىلغان؛ ساقچىلار ئۇلارنى ئەكېلىپ سوراق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، پىدائىيلار يېتەكچىسى تۇرغۇن بىلالدىن پەرھات سەمەتكە بىر تېلېفون كەلگەن، نەتىجىدە ساقچىلار تۇرغۇن بىلالنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشكە بارغان ۋە نەتىجىدە مەزكۇر قانلىق ۋەقە كېلىپ چىققان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.