9 نەپەر پىدائىي خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا كۆكبايراقنى كۆتۈرۈپ بېسىپ كىرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-11-19
Share
pichan-lukchun-weqesi.jpg ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic

مۇخبىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ۋە 16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچىلاردىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى 17 ياش بىلەن 23 ياش ئارىسىدىكى 9 نەپەر پىدائىي ساقچىخانا ئالدىدا توختىغان بىر ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى قولىدا كۆتۈرگەن ھالدا ساقچىخانىغا تەكبىر ئېيتىپ بېسىپ كىرگەن. ئۇلار ساقچىخانا قورۇسىدىكى ياردەمچى ساقچىلاردىن تۆت نەپىرىنى پىچاق ۋە پالتىلار بىلەن ئۇرۇپ يەرگە ياتقۇزغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەسمىي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ساقچىخانا ئۆگزىسىگە قاداش ئۈچۈن ساقچىخانىنىڭ خىزمەت بىناسىغا قاراپ ئېتىلغان. ۋەقەدىن ئالاقزادە بولغان خىتاي ساقچىلىرى دەرھاللا بىنانىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالغان ۋە پىدائىيلارنى بىنانىڭ 2- ۋە 3-قەۋىتىدىكى دېرىزىلىرىدىن ئوققا تۇتقان. بىنانىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان پىدائىيلار، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى باغرىغا باسقىنىچە جان ئۈزگەن.

مۇخبىر: سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: ھە، گەپ قىلىڭ!

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن چارىباغلىق ساقچى بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: ئەخمەتجان ئۆمەر.

مۇخبىر: مۇشۇنىڭ بىلەن ساقچىلاردىن ئۈچى ئۆلگەن بولدىمۇ؟
خادىم: شۇنداق!

مۇخبىر: ھازىر ۋەزىيەت قانداق؟
خادىم: ۋىلايەتتىن كەلگەن ساقچىلارمۇ بار، تېجىڭنىڭ (ئالاھىدە ساقچى قىسىمنىڭ) مۇ بار، چارلاش، نۆۋەتتە تۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: جەسەتلەر بىر تەرەپ قىلىنىپ بولدىمۇ؟
خادىم: قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى دەمسىز؟

مۇخبىر: شۇنداق.
خادىم: ئۇلارنىڭ جەسىتى ئائىلىلىرىگە بېرىلىپ يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولدى.

مۇخبىر: ھۇجۇمچىلارنىڭچۇ؟
خادىم: ئۇلارنىڭ يۆتكەپ كېتىلدى، نەگە ئەكىتىلگەنلىكىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق.

مۇخبىر: شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندە سىز قەيەردە ئىدىڭىز؟
خادىم: مەن كاماندروپكىدا ئىدىم.

مۇخبىر: ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نەق مەيدانغا كەلدىڭىزمۇ؟
خادىم: كەلدىم.

مۇخبىر: كەلگەندە قانداق بىر مەنزىرىنى كۆردىڭىز؟
خادىم: مېنىڭ كەلگەن ۋاقتىم سائەت 6 لەر مەزگىلى، ۋەقە بېسىققان، قانۇن دوختۇرلىرى جەسەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.

مۇخبىر: ئاڭلىشىڭىزچە، ئىش قانداق باشلىنىپ قانداق ئاخىرلىشىپتۇ؟
خادىم: ياردەمچى ساقچىلار قورۇنى تازىلاۋاتقانكەن. توققۇزى بېسىپ كىرىپ چاناشقا باشلاپتۇ، ئارقىدىن بىناغا ھۇجۇم قىلغان ئىكەن؛ بىنا مىمالىق (مەخپىي نومۇرلۇق) بولغاچقا، ساقچىلار بىنانى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ دېرىزىلەردىن بېشىنى چىقىرىپ ئوق ئېتىپتۇ؛ ئۇلار ئاجىزلاشقاندىن كېيىن ئاندىن بىزنىڭ سوجاڭ بىنادىن چىقىپ قالغان ئىشلارغا قوماندانلىق قىپتۇ.

مۇخبىر: ئىلگىرىكى ۋەقەلەردە ئەڭ بولمىدى دېگەندە ھۇجۇمچىلاردىن بىر-ئىككىسى تىرىك تۇتۇلاتتى، دېلونىڭ داۋامىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بولسىمۇ؛ بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىغان. دېمەك بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى يۇقىرىدىن مەخسۇس بۇيرۇق بولغانمۇ؟
خادىم: مەخسۇس ئۇقتۇرۇش بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. تەخمىن قىلىشىمچە، ساقچىلار ئۈستىدە، ھۇجۇمچىلار تۆۋەندە بولغاچقا ئېتىلغان ئوقلار ئاساسەن بەدەننىڭ ئۈست قىسمىغا تەككەن. ئۆتكەن قېتىمدا (23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە) بىزنىڭكىلەردىن 15 ئادەم ئۆلۈپ جىق زىيان تارتىپ كەتكەچكە، بۇ قېتىم جىددىيلىشىپ يەنە ئوخشاش زىيان بوپ كەتمىسۇن دەپ ئويلىغان.

مۇخبىر: ھازىر ساقچىخانىدا نەق شۇ ۋەقە كۈنى ۋەزىپە ئۆتىگەن بىرەرى بارمۇ؟ بولسا چاقىرىپ قويۇڭ!
خادىم: بار، بىر ياردەمچى ساقچى بار. مانا تېلېفوننى بەردىم.

مۇخبىر: شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندە سىز بىنانىڭ ئىچىدىمىتىڭىز، سىرتىدىمۇ؟
خادىم: مەن ئىچىدە. ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئاۋاز چىقتى، ئارقىدىن ئوق ئاۋازى چىقتى. دېرىزىنىڭ تۈۋىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ تۆۋەنگە قارىسام، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ توۋلاپ بىزنىڭكىلەرنى چاناۋېتىپتۇ، بىزنىڭكىلەرمۇ بىنانىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئوق چىقىرىپتۇ. بىر چاغدا بىزنىڭ سوجاڭ بىنانىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىڭلار دەپ بۇيرۇق قىلدى، مەن قورۇدىكى يارىلانغان ياردەمچى ساقچىغا بىنانىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەت دېسەم گېپىمنى ئاڭقىرالمىدى، مەن پەسكە يۈگۈرۈپ چۈشتۈم، ئۇلار ئىشىكنى ئىتتىرگىلى تۇرۇپتۇ. بىنانىڭ ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئىشىكى بار، تېشىدىكىسى ئەينەكلىك، ئىچىدىكى تۆمۈر ھەم مىمالىق (نومۇرلۇق). مەن دەرھاللا مىمالىق ئىشىكنى تاقىۋالدىم؛ ئۇلار ئىچىگە كىرەلمىدى. بىز بىنانىڭ ئۈستىدىن ئوق چىقاردۇق.

مۇخبىر: ھۇجۇمچىلارنىڭ قوللىرىدا نېمىلەر بار؟
خادىم: پىچاق، پالتا، ئورغاق، بايراق.....

مۇخبىر: بايراق قانداق بايراق؟
خادىم: كۆك رەڭلىك، ئەرەبچە خەت يېزىلغان، ئاي، يۇلتۇزنىڭ رەسىمى بار.

مۇخبىر: بايراقنى قايسى كۆتۈرۈپتۇ، 16 ياشلىقىمۇ ياكى چوڭىمۇ؟
خادىم: ئېنىق قايسىنىڭ كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىم؛ ئەمما ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئېتىۋېتىلگەن 5ئىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك بايراقنى كۆردۈم. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى ئاپتوموبىلنىڭ تېگىگە كىرىۋالغان، ئاڭغىچە ئالاھىدە ساقچىلار يېتىپ كەلدى، بىز ئاپتوموبىلنىڭ تېگىدە بىرى بار دەپ ۋارقىرىدۇق، ئۇلار ئاپتوموبىلنىڭ تېگىدىكىگە قارىتىپ ئوق ئاتتى، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تېگىدە جان ئۈزدى. بىرى ئوبۇرنىنىڭ تۈۋىدە ئېتىۋېتىلدى.

مۇخبىر: ساقچىلاردىن قانچىسى ئۆلگەن بولدى، قانداق ئۆلدى؟
خادىم: بىرى نەق مەيداندا ئۆلدى، بىرى دوختۇرخانىدا ئۆلدى، يەنە بىرى دوختۇرخانىغا ئەكىتىۋېتىپ، مارالبېشىغا يېقىن قالغاندا شامال دەپ بىر يېزا بار، شۇ جايغا كەلگەندە جان ئۈزدى.

يۇقىرىدا سېرىقبۇيا ساقچىخانىسغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت