ئانالىزچىلار: «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنى پەردازلىيالمىدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت كابىنېتى 1- ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئاممىۋى مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان» لىقى مەدھىيىلەندى. ئۇنداقتا، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ھوقۇقلىرى ھەقىقەتەن ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنغاندەك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ قوغدالدىمۇ؟

«شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، 60 يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن رايون بويىچە 107 كۇتۇپخانا، 90 مۇزىيخانا، گۈزەل-سەنئەت سارىيى، 119 مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلدى، يېزىلاردا قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئۆيلىرىنىڭ سانى 1117 گە يەتتى. رايوندا ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق 5 خىل تىلدا رادىئو-تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرى يولغا قويۇلۇپ، رايوندا رادىئو-تېلىۋىزىيە تورىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى 96% تىن ئاشۇرۇلدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

كىتابتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدا «مىللىي تىل-يېزىقتىكى نەشرىياتچىلىق، گېزىت-ژۇرنال، مىللىي تىل مائارىپى قاتارلىقلارنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ سىمۋولى بولغان مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قوغدالغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم مەدەنىي مىراسلارنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، خىتايدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابقا يۇقىرى باھا بېرىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن «بەختىيارلىق،رازىمەنلىك» تۇيغۇسىغا چۆمگەنلىكى مەدھىيىلەندى.

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە، يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، نيۇيوركتىكى «بېيجىڭ باھارى» ناملىق سىياسىي ۋەزىيەت ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى دائىرىلەر ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتاب ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب» لارنى ئېلان قىلىش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئەمما، ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت نەتىجىلىرى» دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت، يەرلىك ئۆرپ‏-ئادەتلەرنى باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى پەردازلىيالمىغان.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ‹ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە يېرىنى رازىمەنلىك تۇيغۇسى قاپلىدى، ئۇيغۇرلار كومپارتىيىنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىدۇ› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن زېرىكمىدى. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتىمۇ ‹خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە رايوندا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى› دېگەن تەشۋىقات سۆزلىرى تەكرارلىنىپتۇ. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردا دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، تىل-مەدەنىيەت جەھەتتىن باستۇرۇلۇۋاتقان، ھەتتا ئەسلىدىكى خاس مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بارغانچە ياتلىشىپ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇۋاتقان رېئال ھالىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.»

رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، 2006-يىلدىن 2009-يىلغىچە داۋاملاشقان قەدىمىي شەھەر قەشقەردىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى تۇرالغۇ-ئۆي قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇيغۇر مەھەللە-كوچىلىرى، ھەتتا ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىسىملىرى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزگەرتىلىپ، خىتايچە ناملار بېرىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىدىن توي مۇراسىمى، ئۆلۈم -يېتىم، نەزىر-چىراغ ئادەتلىرىنىڭ ھەرخىل چەكلىمە، تەقىب قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىدىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، مويسىپىتلار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەخلاققا لايىق كىيىنىش، يېمەكلىكلەرنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىپ ئىستېمال قىلىش ئادەتلىرىمۇ قالاقلىق، دىنىي ئاشقۇنلۇق قالپاقلىرى كىيدۈرۈلۈپ چەكلىنىش، باستۇرۇلۇش نىشانى قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكنىڭ رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى باستۇرۇلۇشقا ئائىت ئەمىلى پاكىتلارنىڭ بارغانچە كۆپ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئېلان قىلغان بۇ زېمىندا ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا تىلغا ئالغان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ھېچبىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.