خىتاي فىرانسىيە مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمىدى، ئۇرسۇلا گوتىيىر خىتاينى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.12.27
Ursula-Gauthier-ursula-gotiyir.jpg مۇخبىرلىق ساھەسىدە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى تۈپەيلىدىن خىتايدىن ھەيدەلگەن. 2003-يىلى 6-فېۋرال، پارىژ.
AFP

خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى بايات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تېررورلۇق مەسىلىسىگە سوئال قويغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، ئۇرسۇلا گوتىيىرخىتاينى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇرسۇلا گوتىيىر فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لوبىس» ژۇرنىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئۇزۇن يىللىق مۇخبىرى ئىدى. ئۇ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 18 - نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىنىڭ خىتاي دېگەندەك خەلقئارا جىھادىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى «يەرلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇرسۇلانىڭ مەزكۇر ماقالىسى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ 2 - دېكابىر كۈنى ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇنى تەنقىدلىگەن.

ئۇرسىلا گوتىير جۈمە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «ئۇلار مەندىن مەن يازمىغان نەرسىلەر ئۈچۈن جامائەت ئالدىدا كەچۈرۈم سورىشىمنى تەلەپ قىلدى» دېگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ جۈمە كۈندىكى باياناتىدا ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ۋىزىسىنىڭ يېڭىلانمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ شەنبە كۈنى مەزكۇر ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا: «خىتاي ئەركىنلىكنىڭ تېررورىزم ئۈچۈن سۆزلىشىگە قاراپ تۇرالمايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ 18 - نويابىردىكى ماقالىسى ئارقىلىق «خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن» لىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئۇرسۇلا گوتىير خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنى «بىمەنە» دېگەن.

ئۇ، تېررورىزمنى كۈچەيتىشنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە: «ئەگەر شۇنداق بولسا مەن قانۇنىي جەھەتتىن جازاغا تارتىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ بىر رىتورىك خىتاب. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنى بېيجىڭدىن يىراقلاشتۇرۇش قەستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

26 - دېكابىر ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گوتىير خانىم بېيجىڭنىڭ ئۇنى چىقىرىۋېتىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى جىمىقتۇرۇش ۋە باشقا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تەھدىت سېلىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا، ‹دىققەت قىلىڭلار›، ‹ھەزەر ئەيلەڭلار›، ‹ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى ياقىلىمايدىغان بولساڭلار، سىلەرمۇ ئۇرسۇلا گوتىيىردەك ئاقىۋەتكە يولىقىسىلەر› دەۋاتىدۇ. خىتاي بۇ يەردە دەل شۇ سىگنالنى بەرمەكچى» دېگەن.

پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باش شتابى نيۇ - يورك شەھىرىدىكى ئاخبارات ھوقۇقى تەشكىلاتى - مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دىرېكتورى بوب دېيتىز ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەر، شۇڭا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بېرىلىشىگە يول قويمايدۇ.»

گوتىير خانىم 2012 - يىلىدىن بۇيان خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەن تۇنجى چەتئەل مۇخبىرى. 2012 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.