بىر تىبەت زىيالىيسى : «ھەر ئىككى مىللەت خىتايدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ئايال، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەت ياشنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ كۆز يېشى قىلماقتا. 2012-يىلى 30-سېنتەبىر.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ئايال، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەت ياشنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ كۆز يېشى قىلماقتا. 2012-يىلى 30-سېنتەبىر.
AFP

تىبەت زىيالىيسى تەنزىن خانىم ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۈرەشلىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە پەرقلەر ھەققىدە توختالدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان تەنزىن خانىم 17-يانۋار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە تۇتۇۋاتقان يوللىرىدىكى ئورتاقلىقلار ۋە پەرقلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەنزىن خانىم ئالدى بىلەن تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، سۆزىنى «تىبەت كۆيمەكتە! دۇنيا كۆرمەكتە، ئەمما ياردەم يوق» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تىبەت 1959-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلدى. تىبەت خەلقى بۇددىست بىر خەلق. تىبەتلەر ئۆز دىنى بىلەن ياشاشنى، ئۆز تىلىدا سۆزلەشنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۆزىنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇشنى خالايدۇ. بىراق، تىبەت خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىگە تەۋە بولغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. دېموكراتىيە، ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان تىبەتلىكلەر تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. سۆز ئەركىنلىكى، ئىبادەت ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى دېگەندەك ئەقەللىي ھەقلەردىن مەھرۇم قىلىنىۋاتىدۇ. سىياسىي زوراۋانلىقلار ئاستىدىكى تىبەتلىكلەر ئۆز ۋەتىنىدە 2-دەرىجىلىك پۇقرالىق مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئىشسىزلىق، ھوقۇقسىزلىق، نامراتلىق تىبەتلىكلەرنىڭ جېنىنى قىينىماقتا. ھازىر خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 2 مىڭدىن ئارتۇق تىبەت ئۆكتىچىسى دەرد تارتىۋاتىدۇ. تىبەت كۆيمەكتە! دۇنيا كۆرمەكتە، ئەمما ياردەم يوق.»

«سىزچە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇجادىلىسىدىكى ئورتاق تەرەپلەر ۋە پەرقلىق تەرەپلەر قايسىلار؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ، ئەمما تارتىۋاتقان دەردلىرى ئوخشايدۇ. بۇ ھەر ئىككى مىللەت خىتايدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ يولدا كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىز بۇددىست بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غايىمىزگە تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، دىئالوگ شەكلىدە يېتىشنى خالايمىز، بەزى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بومبا بىلەن ئەمەس. ھازىرغا قەدەر ياش-قېرى بولۇپ 145 تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئۈستىلىرىگە بېنزىن ياكى يېمەكلىك مايلىرىنى چېچىپ ئۆزىگە ئوت قويغان بۇ تىبەتلىكلەرنىڭ بىر قىسمى شۇ ھامان ئۆلدى، بىر قىسمى خىتاي دائىرىلىرى داۋالاشقا ئىجازەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاستا-ئاستا قىينىلىپ ئۆلدى. يەنى، تىبەتلىكلەر دۈشمىنىگە قوللىنىدىغان ئۇسۇلنى ئۆزىگە قوللىنىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشنى، تىنچ شەكىللەردە غايىسىگە يېتىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بولسا ئۆز ۋەتىنىدە تارتىۋاتقان زۇلۇمغا چىدىماي، ھاكىمىيەتنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىغا زورلۇق، زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىمەن، ئەمما بىر بۇددىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن قوللىمايمەن.»

تىبەت زىيالىيسى تەنزىن خانىم بۇ ئىككى مىللەتنىڭ غايىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق شەرھلىدى: «بىز تىبەتلىكلەر 1984-يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، ئالىي ئاپتونومىيە يولىنى تاللىۋالدۇق. مەقسەت، قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش، تىبەت ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مەسىلىنى دىئالوگ يوللىرى بىلەن ھەل قىلىش. گەرچە بۇنىڭدىن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، تىبەت خەلقىنىڭ ھاياتىدا زەررىچە ئىجابىي ئۆزگىرىش يارىتالمىغان بولساقمۇ ۋە ھەتتا تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىز يەنىلا بۇ يولىمىزنى داۋام قىلىمىز. ئەگەر خاتالاشمىسام، ئۇيغۇرلارنىڭ غايىسى ھازىرمۇ مۇستەقىللىق. ھەركىمنىڭ تاللاش ھوقۇقى بار. بىراق، قايسىلا يولنى تاللىمايلى، ھەر ئىككى مىللەتنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى خىتاي زۇلۇمدىن خالىي بىر ۋەتەن. تىنچ، خاتىرجەم، ئۆز كىملىكلىرىمىز بىلەن ياشاش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز. ئەسلىدە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەرنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىشىغا ھەققى يوق ئىدى.»

«سىز ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە خاتىرجەم ياشايدىغان بىر كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز ۋەتىنىدە ۋە خىتايدا ھېسابسىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. باستۇرۇشلارغا، ئۆلتۈرۈشلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى، زۇلۇم قىلىشى، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قويۇشى توغرا ئەمەس. توغرا بولمايلا قالماستىن، بەلكى بۇ تاجاۋۇزچىلىق ۋە جىنايەتتۇر. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللايمەن. بىراق يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر تىبەتلىك بۇددىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن تىنچلىقنى تىنچلىق ئارقىلىق، سۆزلىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئەكسىچە، زوراۋانلىق ۋە بومبىغا مۇراجىئەت قىلىشنى قوللىمايمەن.»

سۆھبىتىمىز ئەسناسىدا، تىبەتلىكلەرنىڭ «ئوتتۇرا يول سىياسىتى» دىن بەزى تىبەتلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى، تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ھەرىكىتىگىمۇ قارشىلىقىنى بىلدۇق. تەنزىن خانىمنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم تىبەتلىكلەر دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول سىياسىتى»نىڭ نەتىجىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن. يەنە بىر قىسىم تىبەتلىكلەر ئۆزىگە ئوت قويۇشنىڭ ئۈنۈمىگە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تىبەتلەرنى يوقىتىش ئەسلىدىلا خىتاينىڭ مەقسىتى بولۇپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىكەن. ھازىرغا قەدەر 145 تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدىكى ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىگەن ۋە خىتاينىڭ تىبەتتىكى سىياسىتىنى قىلچىمۇ يۇمشىتالمىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، تىبەتتىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە ئوخشاشلا بارغانسېرى ناچارلىشىپ بارغان. ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى يەنىلا مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى غايىلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى مىللىي ۋە كىشىلىك مەجبۇرىيەت دەپ تونۇپ كەلمەكتىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 19-يانۋار تارقىتىلغان سىن فىلىملىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم تىبەتلىكلەر 18-يانۋار كۈنى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شىۋېتسارىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 17-يانۋار بۇ يەرگە يۈزلەرچە ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۈنگۇڭچىلار ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جەم بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت