2014-يىلى چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-28
Share
gumandar-xewir-pingshyang-1.jpg گۇماندار خېۋىر مەت XXX نىڭ 19-يانۋار پىڭشياڭدىكى بىر تاغدا خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئېلىپ مېڭىلغان كۆرۈنۈشى.
weibo

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكەن ھەپتە تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىمدا 2014-يىلى خىتاي چېگراسىدىن ۋىيېتنام، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاچقان ئۇيغۇرلار سانى ۋە ھازىرغىچە خەلقئاراغا ئاشكارىلانمىغان بىرقانچە قېتىملىق توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغان. 2014-يىلى خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ چەتئەللەرگە قاچقان ئۇيغۇرلار سانى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇشى، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇلتۇر 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن ۋە خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ چەتئەللەرگە قاچقان ئۇيغۇرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان يىل دەپ تەرىپلەنمەكتە. 2014-يىلدىكى دۆلەت ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا گەۋدىلەنمەكتە.

20-يانۋار خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2014-يىلى خىتاينىڭ گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى ۋىيېتنام، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتىدىغان چېگرالىرىدا 262 قېتىم چېگرادىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلار سانى 852 گە يەتكەن. 352 ئادەم چېگرادىن قېچىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، 2014-يىل 1-ئايدىن 4-ئايغا قەدەر ۋىيېتنام چېگراسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار سانى 300 دىن ئاشقان. دائىرىلەر خەۋىرىدە خىتاينىڭ گۇاڭشى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋىيېتنامغا تۇتىشىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىدىن قېچىش ۋەقەلىرىدىن 18-ئاپرېل ۋىيېتنام بېيفېڭ چېگرا ئېغىزىدا ئۇيغۇرلارنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسى، 12-ئىيۇن چېگرادىن قېچىش ۋەقەسى، 14-ئاۋغۇست يۈننەن شىشۇاڭ بەننا چېگراسىدىن قېچىش ۋەقەسى، 29-ئاۋغۇست يۈننەن ۋېنشەن چېگرا ساقچىخانىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم، 30-ئاۋغۇست گۇاڭشى بېيفېڭ چېگرا ئېغىزىدا يۈز بەرگەن چېگرادىن قاچقان مىنىبوسنى توسۇش ۋەقەسى، 8-ئۆكتەبىر ۋىيېتنام ساقچىلىرى 16 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەسى قاتارلىقلار ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي توختالغان.

فىلىمدا تىلغا ئېلىنغان بىرقانچە قېتىملىق چېگرادىن قېچىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلار بىلەن چېگرا قاراۋۇللىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. فىلىمدا بۇ توقۇنۇشلارنىڭ جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، چېگرا ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق قاتارلىقلار ئىپتىدائىي قوراللار ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ساقچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى ئېتىۋېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مەسىلەن، 18-ئاپرېل ۋىيېتنام بېيفىڭ سودا ئېغىزىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسى ئىچىدە چۈش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى ۋىيېتنام ساقچىسى چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن، 5 نەپىرى يارىلانغان. چېگرادىن قاچقان 16 ئۇيغۇردىن 6 ئەر ئۆلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋىيېتنام ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئىككى ئۇيغۇر ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. بۇلاردىن ئابدۇللا ئىسىملىك يىگىت ئۆزىنى بىنادىن تاشلاش ئالدىدا «ئاللاھۇ-ئەكبەر! يوقالسۇن كاپىرلار» دەپ شوئار توۋلىغان.

خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ قاچقان ئۇيغۇرلار توپىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان ھۆججەتلىك فىلىمدا 18-ئاپرېل ۋىيېتنام بېيفىڭ چېگرا ئېغىزىدا يۈز بەرگەن قېچىش ۋەقەسى ھەققىدىكى بايانىدا، ۋەقەدىن كېيىن ۋىيېتنام ساقچىلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئابلىز ئىبراھىم قاتارلىق ئىككى يارىدار، رەيھانگۈل قاتارلىق 4 ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چېگرادىن قېچىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ساقچىلىرىنى ھەربىي كۈچ قوللىنىشقا ئامالسىز ھالەتتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز سېپىگە ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ قوشۇۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چېگرادىن قېچىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى چېگرا ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرادا توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا يۈز بەرگەن. فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، 29-ئاۋغۇست يۈننەن ۋېنشەن ساقچىخانىسىدا يۈز بەرگەن ساقچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان ئالىمجان ئازاد ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا سېلىۋالغان پىچاق بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. ئالىمجان ئازاد پىچاق بىلەن 5 نەپەر ساقچىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. فىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىمجان 2011-يىلى«قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنىپ بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

دائىرىلەر ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە، چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ قېچىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چەتئەللەردىكى ئاتالمىش «ئىسلامىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» نىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ھىجرەت» ئۈچۈن ماڭغان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالغان، تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىش ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل تور بېكەتلىرىدە تارقالغان «ئىسلام جىھاتچىلىقى»غا ئائىت فىلىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئەمما، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق شارائىتتا چەتئەللەرگە قېچىش يولىنى تاللىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

فىلىمدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن قېچىش ۋەقەلىرىدىن خوتەن گۇما 18-ئاۋغۇست چېگرادىن قېچىش ۋەقەسى، خوتەن گۇما 5-نويابىر چېگرادا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى، 1-دېكابىر خوتەن قاراقاش ۋەقەسى قاتارلىقلارمۇ نەقىل ئېلىنغان. دائىرىلەر بۇ ۋەقەلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرى» سەۋەبىدىن «ھىجرەت» ئۈچۈن چېگرادىن قېچىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قېچىش ۋەقەلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ قېچىشىغا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قېچىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلغان يۇرت -ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت يەنە خىتاينىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىدا تەكىتلەنگەن «چېگرادىن قاچقان ئۇيغۇرلار دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھىجرەت ئۈچۈن چېگرادىن قاچقان» دېگەن تەشۋىقاتىنى ئەيىبلەپ، «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان، تىرىكچىلىك يولى ئېتىلگەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يات ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر يولنى تاللىشىغا ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختاتمىسا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن!» دېدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، نۆۋەتتە خىتاي چېگرالىرىنى بۇزۇپ چەتئەللەرگە قېچىش يولىنى تاللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بارغان دۆلەت ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى پەرقلەر، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغان سەرسانلىق ھاياتىدا، ئەلۋەتتە ھەر خىل يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، شۇڭا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش تەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالغانغا قەدەر، چېگرانى بۇزۇپ قېچىش يولىنى تاللىماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت