خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۆكتىچىلەردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.03.31
xitay-demokrat-namayish-shi-jinping.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، نامايىشچىلار «بېي فېڭ ۋە چاڭ پىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۈرمىدىن قويۇۋېتىش» نى تەلەپ قىلماقتا. 2016-يىلى 29-مارت، پراگ.
AFP

غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە خىتايدىكى مۇخبىرلار ۋە قەلەمكەشلەر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق تەقىبگە ئۇچراپلا قالماي، ئەركىن دۇنيادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ ئېغىر بېسىملارغا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ب ب س 30-مارت خەۋىرىدە، «جەنۇب پايتەخت گېزىتى» نىڭ قەلەمكەشلىرىدىن بىرى، داڭلىق كەسپىي يازغۇچى ۋە ئاخبارات خادىمى سانالغان خىتاي زىيالىيسى يۈ شاۋلېينىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، يۈ شاۋلېي 29-مارت يازغان ئىستېپانامىسىگە «سىلەرنىڭ تەۋەلىكىڭلارغا ئەگىشىشكە ئامالسىز» دېگەن بىر جۈملىنىلا يازغان. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئاخباراتنى پارتىيەۋىلىك تەۋەلىكىگە ئىگە قىلىش» پرىنسىپىغا ئەمدى ئەگىشەلمەيمەن، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چارچىغانلىقىنى، كەسىپ ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئىستېپانامىسى غەربنىڭ دىققىتىنى چەكتى.

بىراق، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھازىر بەكرەك دىققىتىنى تارتىۋاتقىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا دەۋەت قىلغان ئوچۇق خەتكە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي يازغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى بولماقتا.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» سىياسىي ژۇرنىلى تور بېتى 28-مارت كۈنى گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ ئوبزورچىسى چاڭ پىڭنىڭ سىچۈەندىكى بىر تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چاڭ پىڭنى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا دەۋەت قىلغان ئوچۇق خەت بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنى 27-مارت تۇتقۇن قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى خىتاي يازغۇچىسى ۋېن يۈنچياۋنىمۇ مەزكۇر خەت بىلەن ئالاقىلىك ساناپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئۈچ نەپەر بىر تۇغقىنىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي ئوبزورچىسى چاڭ پىڭ، 27-مارت كۈنىلا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنى سىچۈەندىكى ئورمانغا ئوت كېتىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق ھېسابلاپ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ بايانىدا، سىچۈەندىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاقىسى يوقلۇقىنى، شى جىنپىڭغا يېزىلغان ئوچۇق خەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يازما ئېلان قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كۈنسېرى ئېغىر تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ھەرخىل باھانە، سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىدىيىنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەيۋەندە چىقىدىغان «ستورم» تور بېتى 30-مارت كۈنى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ خىتاي زىيالىيسى چاڭ پىڭنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلدى. بۇ مەلۇماتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتايدىكى ئىككى ئومۇمى يىغىن مەزگىلىدە «چېگراسىز ئاخبارات» تورىدا شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا دەۋەت قىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چاڭ پىڭ گېرمانىيە ئاۋازىدا «جيا جيانىڭ غايىب بولۇشى، كۆزلەرنىڭ گۇناھى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتايدا كۆزى ئوچۇق ئادەملەرنىڭ گۇناھكار بولۇپ جازالىنىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىغۇ بولۇۋېلىپ جان باقىدىغانلىقىنى، جيا جيا قارىغۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىلا ئادەمنى قارىغۇ قىلىشنى ئىستەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقنى تونۇغان ۋە ھەقنى سۆزلىگەن ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلاپ كۆزدىن يوقىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەزكۇر مەلۇماتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوبزورچى چاڭ پىڭنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چاڭ ۋېي ئىسىملىك ئىنىسىنى گېرمانىيەگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، چاڭ پىڭغا ئۈچ تۈرلۈك شەرت قويغان ۋە بۇ شەرتنى ئورۇنلىسا، بىر تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىڭ بىرى، چاڭ پىڭ تور بەتلەردە ئېلان قىلغان يازمىلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى لازىم، ئىككىنچىسى، گېرمانىيە ئاۋازىدا ئېلان قىلغان «جيا جيانىڭ غايىب بولۇشى، كۆزلەرنىڭ گۇناھى» ناملىق ئوبزورىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى لازىم، ئۈچىنچىسى، بۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ھەرقانداق يازما ئېلان قىلماسلىقى لازىم.

گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئەزاسى مانيانمۇ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ بارغانسېرى ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەيۋەندە چىقىدىغان «ستورم» تور بېتى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئوبزورچىسى چاڭ پىڭ فېيىسبوكتا ئىپادە بىلدۈرۈپ شۇلارنى يازغان: «1-مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىم بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلدى. بەلكىم كەلگۈسى ئۇزۇن بىر زامان ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالماسلىقىم مۇمكىن. 2. خىتاي قانۇنىمۇ خاتالىشىۋاتىدۇ. مېنىڭ يازمىلىرىم بىلەن مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئەقەللىي قانۇنى ساۋاتنى بىلىشى كېرەكتى. 3. ئەمدى ساقچىلار مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر مېنى تىللاشقا باشلىدى. مېنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىپلاسلىقىنى چۈشەندۈرگۈدەك ئىمكانىم يوق. 4. مەن بۇندىن كېيىن ساقچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزۈم بىلگەن پۈتۈن جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»

چاڭ پىڭ 28-مارت ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان يازمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئېيتقاندەك قانداقتۇر ئوت ئاپىتى تۈپەيلى قولغا ئالمىغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئوت ئاپىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئېنىقلا بىر سىياسىي دېلو ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 30-مارت خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا دەۋەت قىلغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان «چېگراسىز ئاخبارات» تورىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقكەن. بۈگۈنگە قەدەر بۇ خەتكە چېتىلىپ خىتايدا قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 20 كىشىگە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاڭ پىڭ خىتايدىكى مەزگىلىدە ئەسلىدە «جەنۇب ھەپتىلىكى» گېزىتى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىلى ئۇ لوندوندا چىقىدىغان پۇل-مۇئامىلە گېزىتىدە «تىبەت: ھەقىقەت ۋە مىللەتچىلىك كەيپىياتى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن توختىتىلغان. 2011-يىلى خوڭكوڭدا «قۇياش ۋەقەلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نى نەشر قىلىپ، باش مۇھەررىرلىك قىلغان. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئولتۇراق ئىشلىرىغا توسالغۇ ياراتقاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ گېرمانىيە ئاۋازى، ب ب ك، ۋاشىنگتون پوچتىسى، مۇھاپىزەتچى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى داڭلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەشنى مەزمۇن قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.