شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرى سودىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2016.09.30

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا 27 - سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىننى شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نىكلاس مالمبېرگ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىشقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكلات بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان سابىق كانادا پارلامېنت ئەزاسى دەۋىد كىلگوئۇر ۋە داڭلىق ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى دەۋىد ماتىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شىۋېتسىيەدىكى بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، شىۋېتسىيەدىكى فالۇڭگۇڭچىلار، دېموكراتىك خىتايلار، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار باشچىلىقىدا ئىككى ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
شۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى داڭلىق گېزىت - ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ يىغىنغا قاتناشقۇچى مېھمانلارنى زىيارەت قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە: دەۋىد كلوئۇگۇر ۋە دەۋىد ماتىس 10 يىلدىن بېرى خىتايدىكى ئىنسان ئەزالىرى قاچاقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش نامىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن شۋېتسىيىدە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئىلىپ سېتىشتەك ئورگان قاچاقچىلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ئېچىلماي كەلگەن تېما بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن سابىق كانادا پارلامېنت ئەزاسى داۋىد كلوئۇگۇر ۋە داڭلىق ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى دەۋىد ماتىسلارنىڭ بۇ قېتىم شىۋېتسىيىگە كېلىشىدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئوغۇرلىنىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنيادا چەكلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە: بۇلار 2009 - يىلى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 2010 - يىلى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار يىغىندا ئۆزىگە بېرىلگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ۋە خەلق ئىچىدىكى ئىنكاسلار ئاساسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابباس ئەپەندىم خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ - سېتىش مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ كەڭرى ئورۇن ئالغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر يىلى دۇنياغا 10مىڭدىن 60مىڭغا قەدەر كىشىنىڭ ئورگانلىرىنى ساتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەييارلىغان دوكلاتىدىن ئاشكارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى ۋەكىللەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىپ سېتىلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقان.
بۇ پروگراممىنى سىلەر ئۈچۈن شىۋىتسىيەدىن ئېھسان تەييارلىدى.