ئانالىزچىلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر دەھلىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 4-يانۋار كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ ھەقتە توختالغان ئانالىزچىلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسىدە يامانلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېتىر دەھلىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن 8-يانۋار شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشكەن.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاننا ئەكبېرگ: «بىز، شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغان شىۋېت پۇقراسىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقىغا بەك جىددىي قارايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2007-يىلدىن بۇيان خىتايدا تۇرۇۋاتقان پېتېر دەھلىن 2009-يىلدىن باشلاپ «خىتاي ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ، خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

خىتاي تاشىقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 13-يانۋاردىكى باياناتىدا: «شىۋېت پۇقراسى پېتېر دەھلىن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىق گۇمانى بىلەن بېيجىڭنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن مەجبۇرلاش تەدبىرى ئاستىغا ئېلىندى» دېدى.

«خىتاي ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» 13-يانۋار ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا پېتېر دەھلىنگە قىلىنغان ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

گۇرۇپپىنىڭ باياناتچىسى مايكېل كاستېر: «پېتېرنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ياردەمنى قوللىغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنىشى پرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىگە قىلىنغان بىر مەسخىرە. خىتاي ھۆكۈمىتى پېتېرنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئارتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پېتىرنى تۇتقۇن قىلغانلىق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا كىرىپ-چىقىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، پېتىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن رادىكاللىق سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پېتېر دەھلىننىڭ خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان زادى قانداق ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، پېتېر دەھلىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇ ئىلگىرى خىتايدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى پېتېر دەھلىننىڭ ئىلگىرى خىتايدا ئادۋوكاتلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بەلكىم خىتاينىڭ پېتېر دەھلىننى مۇشۇ دولقۇندا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پېتېر دەھلىن يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتايدا ئادۋوكاتلارنى تەربىيىلەش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدە ساۋات بېرىش ۋە خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

ب ب س نىڭ خىتايچە تور بېتىدە ئاشكارىلىشىچە، بۇ تەشكىلات يېقىندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرغان بولۇپ، دوكلاتتا ئاساسلىقى خىتايدا يۈز بەرگەن «قورقۇتۇش، نازارەت قىلىش، نەزەربەند قىلىش، تەن جازاسى قوللىنىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە خالىغانچە قاماپ قويۇش» قاتارلىق ۋەقەلەر مىسال بىلەن بايان قىلىنغان ئىكەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «گاردىيان» (ھامىي) گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، پېتېر دەھلىننىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە توختالغان خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى جوشۇۋا روزەنسۋىگ، پېتېرنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى پائالىيەتچىلەرگە زەر بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر پارتىيەلىك تۈزۈمگە تەھدىت دەپ قارالغان چەتئەل پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پېتىردەك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، بۇ جەرياندا 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلى كىرىش بىلەنلا يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، پېتىر دەھلىنگە ئوخشاش چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى، جۈملىدىن ئۇرسۇلاغا ئوخشاش چەتئەل مۇخبىرلىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىشى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى يەنە خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.