ئوساكادا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.03.14
ilham-mexmut-yaponiye-namayish.JPG ئوساكادا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى. 2016-يىلى 12-مارت، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

12-مارت ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ياپون، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئوساكا شەھىرىدە ياپونىيەدىكى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنى قوللاش ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا ئوساكا شەھىرىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. نامايىش شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۈچكە قەدەر ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان.

نامايىش ئوساكا شەھەر مەركىزىدىن باشلانغان بولۇپ نامايىشچىلار تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا «تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا ئەركىنلىك! خىتاينىڭ ياپونىيەگە بولغان تەھدىتلىرى توختىتىلسۇن!» دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ شەرھەر ئىچىدىكى ئاۋات كوچىلارنى بويلاپ ماڭغان.

نامايىشتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت نامايىش ھەققىدە توختالدى.

نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىلىش مەيدانىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام ماھمۇت سۆزىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دايچىن نامايىشتا سۆز قىلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دايچىن:«تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايغا قاراشى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ باردۇق. مەقسىتىمىز داۋايىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىش» دېدى.

نامايىشچىلار ۋەكىلى ئېلېكترونلۇق كاناي بىلەن تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى نامايىش جەريانىدا ئوقۇپ ماڭغان بولۇپ، ئۇنىڭدا :«تىبەت 1959-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تىبەتتە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ باردى. تىبەتلەرنىڭ بۇتخانىلىرى، رەستە-رەستىلەردىكى ئىلاھىي بۇتلىرى چېقىلدى. 2008-يىلى مارت ئېيىدا لاسادا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش قاتتىق باستۇرۇلدى. تىبەتتە ھېلىھەم باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلماقتا » دېيىلگەن.

تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلاردا بولسا:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ رايوندا ئۈزلۈكسىز ئاتوم سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرلۈك يامان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئانىلىرى،ساناقسىز ھامىلىلەر ئۆلتۈرۈلدى. 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىدە خىتاي قوراللىق قىسمىلىرى قەھرىتان سوغاقتا گۇناھسىز نامايىشچى ياشلارنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ،يالىڭاچ توڭلۇتۇپ ئۆلتۈرۈشتەك ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلدى...» دەپ بايان قىلغان.

موڭغۇللارغا ئائىت تەشۋىقات ۋاراقچىسىدا: «موڭغۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى دەپسەندە قىلىنىپ بۇتخانىلار بۇزۇۋېتىلدى. بىپايان كەتكەن يايلاقلارغا خىتاي كۆچمەنلىرى زاۋۇت-كانلارنى بىنا قىلدى. موڭغۇللارنىڭ دىنىي، تىلى يوقىتىلىپ ھازىرقىي ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوساكادا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى بۇ نامايىش ئوساكاغا ساياھەتكە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇلار نامايىشچىلارنى سىنئالغۇ ۋە سۈرەتلەرگە ئېلىشقان.

خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى يۈكى ساتو ئوساكادا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ:«ئوساكادەك چوڭ ساياھەت شەھەرلىرىدە بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. سەۋەبىي بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر توپلانغان. شۇڭا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.