14-فېۋرال توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى ئۈچ مىللەتنىڭ بىرلەشمە نامايىشىنى ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇل ئەركىنلىك، دېموكراتىيە فوندى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇغان بولۇپ، نامايىش ئاساسلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن بېيجىڭغا ئەرزگە بارغان موڭغۇل ئەرزدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ئۈچ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
توكيودا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
توكيودىكى نامايىش ئەتىگەن سائەت ئون بىردىن سائەت بىرگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشقا كۆپلىگەن موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.