توكيودا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

30-ئىيۇل توكيودا «ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.

توكيودىكى چودا باشى رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ياپونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان.

ياپونىيەدىكى ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن دوكلات بەرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىمۇ بۇ ھەقتە قىسقىچە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان.

ئىلھام ماھمۇت دوكلاتىدا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تايلاندتا پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەتلىك پروفېسسور پىما گارپۇر يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى تولىمۇ ئازاپلايدۇ. ئىلگىرى نىپالدا تىبەت مۇساپىرلىرى كۆپ ئىدى. ھازىر چەتئەللەرگە قېچىپ پاناھلىنىدىغان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازايدى. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي تىبەتلەرنىڭ چەتئەللەگە قېچىش يوللىرىنى توسۇۋەتتى» دېدى.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى قاتناشقان شۇنداقلا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ:«ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بۇ خىلدىكى دوكلات سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىشنى ياخشى دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەردە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىدىن قېچىۋاتىدۇ دېگەندەك قاراشلار مەۋجۇت. شۇڭا بۇ خىل قاراشلارغا توغرا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات بېرىش تولىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن» دېدى.

ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياپونىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە، ياپونىيە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى دېگەندىمۇ ياپونىيە پەقەتلا ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار پاناھلانغان دۆلەتلەرگە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ياپونىيە خەلقئارادا پاسسىپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ دېيىشىچە، دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىمۇ كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياپونىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن مورى ئاكىيا خانىم مەزكۇر دوكلات يىغىنى ھەققىدە:«نۆۋەتتە ياپونىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مەتبۇئاتلاردىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق دوكلاتلار ئاڭلىتىلسا ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا بولغان قارىشىدا بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ. بولمىسا، كۆپىنچە كىشىلەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دەپ قارايدىغان خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» ناملىق تەشكىلات سۈرىيەدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلارنىڭ تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئاز دېگەندە يۈز نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ياپونلاردا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە نىسبەتەن باشقىچە قاراشلار شەكىللەنگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ قىرىق نەچچە كىشى قاتناشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.