14 ياشلىق يارىدار دوختۇرخانىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلدى

2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئىتى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى مەنپەئىتى بىر-بىرى بىلەن جىددىي ھالدا توقۇنۇشقان.

0:00 / 0:00

پۇتىغا ئوق تەككەن 14 ياشلىق بىر بالا كارىۋاتتا ھوشسىز ياتماقتا؛ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇنىڭ بېشىدا ئۆز-ئارا غەۋغالاشماقتا؛ بىر گۇرۇپپا دوختۇر ۋە سېسترالار، ئۇلار يارىدارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا؛ يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا ساقچى ۋە كادىرلار، ئۇلار يارىدارنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى دوختۇرخانىدىن دەرھال ئاچىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا. بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۇچىسىدا ئاق خالات، يەنە گۇرۇپپىنىڭ ئۈستىدە خىتاينىڭ ساقچى فورمىسى، بىر تەرەپنىڭ قولىدا دور،-ئوكۇل، يەنە بىر تەرەپنىڭ قولىدا قورال-ياراق. تەبىئىي ھالدا قوراللىقلار، ئاق خالاتلىقلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. 14 ياشلىق يارىدار، دوختۇرلارنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئاچىقىپ كېتىلدى.

5-ئىيۇل مەزگىلىدە، ئېچىنىشلىق سەھنىلەردىن بىرى، ئۈرۈمچىدىكى مىللىي شىپاخانىدا يۈز بەرگەن. شىپاخانىغا شۇ كۈنى تاڭ ئاتقىچە كېلىدىغان يارىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن؛ دوختۇرلار، سېسترالار يارىدارلارنى ئىنچىكە داۋالاش ئەمەس، قان توختىتىشقىمۇ يېتىشىپ بولالمىغان. دوختۇر، سېسترالار، 6-ئىيۇل كۈنى سەھەردە يارىدارلارنى رەسمىي داۋالاشقا ئۆتكەندە، مىللىي شىپاخانىنىڭ بارلىق بۆلۈملىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنغان. ساقچىلار يارىدارلارنىڭ ھەممىنى يۆتكەپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. دوختۇرلار ئارىدا بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، كارىۋىتىدىن يۆتكەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغان، ئەكسىچە دوختۇرلارغا تەھدىت سالغان. بەزى دوختۇر، سېسترالار، ئۆز بىمارلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارشى تۇرۇپ، ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن، ئەمما بىمارلىرىنى قوغداپ قالالمىغان. ساقچىلار مەسىلىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، دوختۇرلارنى بۇ ئىشقا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان؛ نەتىجىدە 5-ئىيۇل كۈنى مىللىي شىپاخانىغا ئەكېلىنگەن يارىدارلارنىڭ ھەممىسى، 6-ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم بىر جايغا يۆتكەپ كېتىلگەن. ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مىللىي شىپاخانىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، دوختۇرخانىغا يارىدارلار كەلسە، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى، يارىدارلارنى ساقچىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. دوختۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي، مىللىي ۋە كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن ئاچىقىپ كېتىلگەن يارىدارلاردىن بىرى، 14 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىشى دوختۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەسئۇل دوختۇر، يارىدار دوختۇرخانىدىن ئېلىپ كېتىلگۈچە ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن.

جان تالىشىۋاتقان يارىدارنى كارىۋىتىدىن ئېلىپ ئەكېتىپ سوراق قىلىش قانداق بىر ئەھۋال؟ بۇنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي نۇقتىدىن كۆرۈنۈشى قانداق؟ بۇ سوئالىمىزغا، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى جاۋاب بەردى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، 14 ياشلىق يارىدارنى دوختۇرخانىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى ۋە دوختۇرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، يالغۇز ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەنپەئىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي بىر مەسىلە.