ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدە قانداق ئاڭلىتىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.07.17
yashlarni-terbiyelesh-kursi-2018-turkiye-3.jpg د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش» كۇرسىدا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2018-يىلى 15-ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىستانبۇل رامادا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش قاتناشتى. ئۇلار، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بەرگەن لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى كۈندە گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇزاكىرە نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۆتۈلدى. گۇرۇپپا بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر، كۇرستا ئۆگەنگەن نەزەرىيەنى تۈركىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇپ، قانداق ئۇيغۇر سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ئېلىپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى.

كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ھازىرغىچە دادىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇغۇچىسى سۇبھىنۇر ئۆمەر خانىم مۇزاكىرە گۇرۇپپىسى نامىدىن سۆزلەپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى تەسىرلىك ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىدىن باشلاپ ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسىنى ئۆزى ئوقۇۋاتقان ۋىلايىتىدە قانداق ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سۇبھىنۇر ئۆمەر خانىم تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەلىك، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەدە پەقەتلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگىلا ئېسىلىۋالماي، بارلىق پارتىيەلەرگە، بولۇپمۇ خەلققە كۆپرەك تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

سۇبھىنۇر ئۆمەر ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى تۈركىيەدە ئاڭلىتىش ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر قايسى پارتىيە ھەم ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئىككىنچى گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئابدۇسەمەت سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، سىياسىي، دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى تۈركىيەدە 1950-يىللاردىن تارتىپ، تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تەشكىلاتلاردىن ئايرىم شەخسلەرنىڭمۇ ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرە جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇنى تۈركىيەدە قانداق ئاڭلىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى. 3-گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن تۈركىيەنىڭ قەھرەمانماراش شەھىرىدىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىپارخان ئالدى بىلەن لاگېرغا سولانغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ھازىرغىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق ھەم باشقىلارنىڭ تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ مەلۇم ساندىكى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش قىيىن بولماقتا ئىدى.

د ئۇ ق ئۆتكۈزگەن ياشلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى 3-گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان مەلۇم نىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇنى تۈركىيەدە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان ئۇسسۇللاردىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كېلىپ بۇ كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇرۇپپىلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنى 4 ئوقۇغۇچى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كۇرسقا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولنى يىراق كۆرمەي 3 كۈن كۇرسقا ئىشتىراك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزئارا ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا ئامېرىكا قوشقا شتاتلىرى، گېرمانىيە، ۋە تۈركىيەدىكى د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرى ۋە خادىملىرىدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 17-قېتىملىقى بۇ يىل 10-ئايدا كانادادا ئېچىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.