رابىيە قادىر خانىم: «يەكەن ۋەقەسى خىتاينىڭ 5-ئىيۇلدىكىدىنمۇ ئېغىر قانلىق باستۇرۇشى»

0:00 / 0:00

بۈگۈن 2014-يىلىدىكى 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. ئەينى چاغدا روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىگە توغرا كەلگەن بۇ ۋەقەدە، قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامىزان چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 26-ئىيۇل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تورىدا «شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەكەن شېھىتلىرىمىزنى مەڭگۈگە سۆيگۈ ئىچىدە ياد ئېتىدۇ !» دەپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يەكەن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە چاقىردى.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە قارشى تىنچلىق يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى سۈپىتىدە دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدىن سىرت، خىتاينىڭ ئاتالمىش 19 خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بىر ۋەقە دەپ باھا بەردى.

شۇنداقلا خىتاينىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن بىرلىكتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ.