لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ يەكەندە كۆرگەنلىرى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-10-29
Share
urumchi-puqraliri-kech-bazar.jpg بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئالدىدىن تېلېفون سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى زادى نېمىلەرنىڭ بولغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىردەك ساقلانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قاتتىق كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ.

يېقىندا، ئاۋسترالىيە ئا ب س قانىلىنىڭ مۇخبىرى يەكەننى زىيارەت قىلىش داۋامىدا بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى مەخسۇس فىلىم قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك كرىزىسقا سەۋەب بولۇشقا ئاز قالغان بۇ فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيىتىنى قاتتىق يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا لوس-ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جۇلى مېيكىنېنمۇ يەكەنگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇمۇ خۇددى ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىرغا ئوخشاشلا قاتتىق تەقىبكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يەكەندىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسىمۇ ئەسلىگە كەلمىگەن.

لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جۇلى مېيكىنېن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەكەنگىمۇ بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن. خۇددى باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئوخشاش جۇلىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇنى جاھىللىق بىلەن تەقىب قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. جۇلى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي رادىكاللار ۋە بۆلگۈنچىلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىلگىرى سۈرسىمۇ بىراق، ھېچقانداق بىر مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىنىڭ بۇ سەپسەتىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىشىغا يول قويمايدۇ، يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرنى خالىمايدۇ، يەرلىكلەرنى بولسا سۆزلەشتىن قورقىدىغان قىلىۋېتىدۇ، دەپ بايان قىلغان.

ئۇ يۇقىرىدىكى بۇ ئېيتقانلىرىنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قەشقەر ۋە يەكەننى زىيارەت قىلغاندا تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر جۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەرگە بىر ياردەمچىسى بىلەن بىللە بارغان بولۇپ، ئۇلار قەشقەردە بىر ساياھەت يېتەكچىسى ياللىغان. ئۇلار قەشقەرگە چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇنچە پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. مۇخبىر خەۋىرىدە «بۇ ساقچىلار نەگىلا بارساق بىزگە سايىدەك ئەگىشىۋالغان بولغاچقا، ھېچكىم بىز بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمىدى» دەپ شىكايەت قىلغان. ئۇ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلار خالىغان يېرىگە ئەركىن ھالدا بېرىپ خەۋەر ئىشلىسە بولىدۇ، دېيىلگەن. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل تاكتىكىلار ئارقىلىق خەۋەر ئېلىشنى چەكلەشكە ئۇرۇنىدۇ... مەن قەشقەردىكى مېھمانخانىدا سوراققا تارتىلدىم، ساقچىلار مېنىڭ رەسىمىمنى تارتتى. مەن شۇ يەردىكى بىر بازارغا چىقىپ، ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمىسەممۇ ساقچى 20 مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا بىزنىڭ ئاپتوموبىلىمىزنى توختىتىپ، مېنىڭ پاسپورتۇمنى سوراپ، ئۇنى رەسىمگە تارتقاندىن كېيىن بىزگە بۇ يەردىن كېتىشىمىزنى ئېيتتى.

لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جۇلى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ خۇددى ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىر سىتىۋىن مېدانېل بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنىمۇ خەۋىرىگە قىستۇرۇپ ئۆتكەن. مۇخبىر جۇلى يەكەن 1500-1600-يىللاردىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قەدىمى بىر ماكان بولغانلىقتىن بۇ يەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ يىل ئىيۇلدا بۇ يەردە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇ ئاللىقاچان تىنچلانغان ۋە ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ شەھەرگە كىرگەندە ھېلىھەم تۆمۈر باش كىيىم، يېشىل رەڭلىك ئەسكەر فورمىسى ئۈستىگە قارا رەڭلىك ھەربىي جىلىتكە كىيىۋالغانلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇلار قوللىرىدا ئۇزۇن ۋە ئۆتكۈر نەيزە بىلەن مېڭىپ يۈرىدىكەن. شەھەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسىمۇ ئەسلىگە كەلمىگەن. ئۇلار يەركەندىمۇ ئوخشاشلا پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىر ئەھۋالنى مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-بىز تاماق يېگىلى بىر ئاشخانىغا كىرىپ، 5 مىنۇت ئۆتمەيلا ئارقىمىزدىن بىرى ئۇيغۇر، بىرى خىتاي ئىككى ئادەم كىرىپ ئولتۇردى. ئۇلار ھېچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىدىن قاراپلا بىز ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئارقىمىزغا چۈشكەن ياش ساقچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بىز ئاپتوموبىلىمىزغا ئولتۇرۇپ، شەھەر مەركىزىگە ۋە ئۇ يەردىكى مەسچىتكە باردۇق. ئۇلارمۇ بىزگە ئەگىشىپ كەلدى. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بىزنى تەقىب قىلىۋاتاتتى. بىزنىڭ ساياھەت يېتەكچىمىزنىڭ گەپلىرىنى ئۇلارمۇ بىزنىڭ بىقىنىمىزدا تۇرۇپ دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. بىز ئۇ يەردىن يۆتكىلىپ يەرلىك بىر بازارغا كەلدۇق. بۇ يەردىكى بەزى كىشىلەر چەتئەللىكلەرنى كۆرگەنلىكىدىن خۇشال بولاتتىيۇ، ئەمما يېنىمىزدا ئەگىشىپ يۈرگەن پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلارنى بايقىغان ھامان چىرايى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. قۇيرۇقىغا ساقچى كىرىۋالغان بىر چەتئەل مۇخبىرى بىلەن گەپ قىلىشىش ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ-دە! مەن ئاخىرى بىزگە ئەگىشىپ يۈرگەن ئۇ مەخپىي ساقچىلارغا بۇرۇلۇپ تۇرۇپ «سىلەرمۇ بۇ ساياھەت يېتەكچىسىگە پۇل تۆلەڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بىز بىلەن خېلى جىق نەرسە ئۆگىنىۋالدىڭلار» دېدىم. ئۇلار ماڭا جاۋابسىز قاراپ تۇراتتى. سىلەر زادى كىم، دېدىم. جاۋاب يوق. نېمىشقا ماڭا ئەگىشىۋالىسىلەر، دېدىم يەنە جاۋاب يوق. بىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ بىر سودا-سېتىق دۇكىنىغا كەلدۇق. ئۇلارمۇ ئەگىشىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياش بىرىدىن يەنە سورىدىم: «سىلەر چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈتۈۋالامسىلەر». ئۇ ياش ماڭا ئىنگلىزچە قىلىپ «بۇ سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ گېپىگە قىزىقىپ ئۇنىڭدىن سوراشقا باشلىدىم «بۇ ناھىيە بەك خەتەرلىكمۇ، بىرەر ئىش بولغانمىدى بۇ يەردە، نېمىشقا ھەممە يەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پلاكاتلىرى بار؟» ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ «جەمئىيەت مۇرەككەپ، بۇ دېگەن كىچىك بىر ناھىيە. تۇيۇقسىز بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.

مۇخبىر جۇلى ئاخشىمى مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندىمۇ يۇقىرىدىكى ساقچىلار ئۇنى داۋاملىق تەقىب قىلغان. ئۇ ساقچىدىن نېمىشقا ھازىرغىچە ئىنتېرنېت يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، ساقچى ئىنتېرنېتتىن چاتاق چىقتى، دېگەن. مۇخبىر شۇ كۈنى ئاخشام ئارقا ئىشىك ئارقىلىق مېھمانخانىدىن يوشۇرۇنچە چىقىپ ئايلىنىش جەريانىدا بىر قانچە كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇلارنىڭ بىرى كومپيۇتېر ساتىدىغان خىتاي بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېت كېسىۋېتىلگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئەمما مۇخبىر ئۆزى سۆزلەشكەن كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ساقچىلار بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەردىكى ساقچى تەقىپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى تەسۋىرلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت