خالمۇرات: «لاگېرغا سولانغان ئاتا-ئانامنى ئاشكارىلىشىم ۋىجدانىي بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.06.14
yepiq-terbiyelesh-ayal-kocha.jpg مەلۇم كوچىسىدا سىم تورنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتنى كۆزىتىۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 1ماي، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Ng Han Guan

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋېتىپمۇ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاكىتلىق دوكلات تەييارلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

يېقىندا خالمۇرات قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى بىرقانچە ئۇيغۇر فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتى قوزغىدى.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان خالمۇرات ئەپەندى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز كىملىكى بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوزغىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

6-ئىيۇن كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك، ۋاتسئاپ قاتارلىقلاردا خالمۇرات ئىسىملىك ئۇيغۇر تەرىپىدىن يوللانغان «ئاتا-ئانام خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا قاماقتا» سەرلەۋھىلىك بىر ئاۋازلىق سىنئالغۇ تارقالدى.

مەزكۇر فىلىمدا يۇرتى تۇرپاندىكى ئاپىسى گۆھەرخان تۆمۈر بىلەن دادىسى سېيىتنىياز غوپۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەربىيەلەش لاگېرى» غا قالمالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن خالمۇرات ئەپەندى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىرغان.

فىلىم تارقالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدىلا مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىززىققۇچى تورداشلار تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەندى ۋە ئىنكاسلار يېزىلدى. كۆپلىگەن ئىنكاسلاردا خالمۇراتقا ھېسداشلىق ئىپادىلەندى. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان بەزى ئىنكاسلاردا يەنە ئۆزلىرىنىڭمۇ خالمۇراتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئۇچۇر بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادىلەر يېزىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان خالمۇرات ئەپەندى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىغان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن، يەنى 13-ئىيۇن كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز كىملىكى بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوزغىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

نۆۋەتتە فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىتىشتىن ئىلگىرىلا ئۆزى ياشاۋاتقان فىنلاندىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاتقان ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە «چەتئەل سىياسىتى» قاتارلىق بىرقانچە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەخمۇت دېگەن تەخەللۇس بىلەن تۇتقۇندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان ئابابەكرى ئەپەندىمۇ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئاڭلاتقانلاردىن بىرى ئىكەن.

ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئېلى مەمەت، پەخىردىن قاتارلىق بىر نەۋرە قېرىنداشلىرى بۇلتۇر تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا يەنە ھەدىلىرى ماھىنۇر مەمەت بىلەن بۇزەينەپ مەمەت قاتارلىقلارنىڭمۇ ئائىلىسى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خالمۇرات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئۆز كىملىكى بىلەن ئاڭلىتىشىقا جۈرئەت قىلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «لاگېرغا سولانغان ئاتا-ئانامنى ئاشكارىلىشىم ۋىجدانىي بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر». ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.