مۇخبىرىمىزنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ يېزىدا پەرزەنتلىرى «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن 80 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ ئۆيىدە تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە بۈگۈن، يەنى پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. بوۋاي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش دولقۇنى» ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى پاجىئەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى پەيشەنبە كۈنى كەچتە يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدا بىر كىشىنى تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەن. دېيىلىشىچە، ئۆلگۈچى 80 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بوۋاي بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە يالغۇز بولغاچقا ۋە كونىرىغان ئۆيى رېمونتسىز قالغاچقا تام ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ قازاغا يولۇققان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنى بۈگۈن ۋىلايەت تەۋەسىدە بىر بوۋاينى تام بېسىۋالغانلىق ھەققىدە ئۆزلىرىگە ئۇچۇر كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبە بازاردىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرىمۇ ئۆزىنىڭ 80 ياشلىق بوۋاينى تام بېسىۋالغانلىق ۋەقەسىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ھالبۇكى، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يوپۇرغا ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمى بۈگۈن تام بېسىۋالغان بىر بوۋاينىڭ دوختۇرخانىغا ئەكىلىنگەنلىكى ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
مەزكۇر ۋەقەنى يىراقتىن ئاڭلىغان يوپۇرغىدىكى كىشىلەردىن بىرى، بوۋاينى تام بېسىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ يوپۇرغىدىكى بىر «تەربىيىلەش مەركىزى» دە يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئالاقىدار خادىم، ۋەقەنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئەمەس، بوۋاينىڭ ئۆز ئۆيىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋەقەدىن دەسلەپتە ئۇچۇر بەرگەن كىشى، بوۋاينىڭ 3 پەرزەنتى ۋە 10 نەچچە نەۋرىسىنىڭ بارلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە، نەۋرىلىرىنىڭ بولسا ئاتالمىش «پاراۋانلىق ئورنى» غا ئەكېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئالاقىدار خادىملار، بۇ بوۋاينىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما بوۋاينىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېڭىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «پاراۋانلىق مەركەزلىرى» نىڭمۇ قۇرۇلغانلىقى ۋە قۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇچۇرلاردا يەنە بۇ ئاتالمىش «پاراۋانلىق ئورنى» دا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەكىتىلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.