ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستامبۇلدا چاقىرىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېلان سۈرىتى
ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېلان سۈرىتى
RFA/Erkin Tarim


ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستامبۇلدا 7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ماگىستىرلىق ھەم دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلماقچى. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 دا باشلىنىدىغان يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىگەندىن كېيىن، ھازىر ئەنقەرەدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە قەشقەرلى خانىملار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكچى. چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان يېڭى تەتقىقاتلىرىنى يىغىن ئەھلىلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەمەت ۋەخپى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنى مەۋلەۋىخانىسىدىكى زالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئەدىرنە تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان داۋۇت جامال ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلخەمىت ئەپەندى 7-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يىغىندا بەرمەكچى بولغان دوكلاتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

داۋۇت جامال ئەپەندى يىغىندا قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئانا تىل توغرىسىدا چاقىرىدىغان بۇ يىغىننىڭ كۆپ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

داۋۇت جامال ئەپەندى ھەرقايسى كەسىپلەردە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئورتاقلىشىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر يىلى چاقىرىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2010-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. يىغىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل سەزگۈرلىكىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت