لوقمانجان ئابدۇللا: «سەفاكۆيدىكى كۇرسىمىزنى ئانا تىل مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئارزۇيىمىز بار!»
2018.04.25

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان يەرلەرنىڭ بىرى بولغان سەفاكۆيدە بالىلارنىڭ قۇشقاچتەك ئۇيغۇرچە چۇۋۇرلاشلىرى بىلەن جانلىنىپ تۇرىدىغان بىر مەكتەپ بار، بۇ «ھىرا تىل تەربىيەلەش مەركىزى» دۇر. بۇ مەركەزدە ھازىر ھەپتىدە بەش كۈن ئوقۇيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك ۋە يېرىم كۈنلۈك ئانا تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 80 دىن ئاشقان. مۇخبىرىمىز 2018-يىلى 25-ئاپىرىل مەكتەپنى زىيارەت قىلدى.
«ھىرا تىل تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ مۇدىرى لوقمانجان ئابدۇللا ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ۋە سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئانا تىل سىنىپى 2016-يىلى مارتتا تۇنجى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
لوقمانجان ئابدۇللارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر قارار ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئا. ئايۇپ تۈزگەن ئېلىپبە ۋە ئانا تىل دەرسلىكى ئىشلىتىلگەن. بىر يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئىككى كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاز كېلىپ قالغىنى ئۈچۈن مەركەز 3-قىسىم ئانا تىل دەرسلىكى تۈزۈپ چىققان ۋە ئاپرېلدىن باشلاپ ئوقۇتۇشقا باشلىغان.
بۇ مەركەزنىڭ ئانا تىل سىنىپىدا ماتېماتىكا، ئانا تىل ۋە تۈركچە دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلار ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر قىسمى ئانا تىل ئۆگەنگەچ مەكتەپتىكى تۈركچە ۋە ماتېماتىكا دەرسلىرىنى تەكرار قىلىدىكەن. يەنە بىر قىسمى تۈركىيەدىكى دۆلەت مەكتەپلىرىگە كىرىش ئۈچۈن ھازىرلانغاچ ئانا تىل ئۆگىنىشنى داۋام قىلغان. مەركەزدىكى ئوقۇتقۇچىلار تۈركچىنى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمەيدىغان بالىلار بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا ماتېماتىكا دەرسلىكى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.
بىز مەركەزنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بېلىقىز خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. بېلىقىز خانىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە ناھايىتى قىزغىن بولۇۋاتقانلىقىنى، مەركەزنىڭ بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بېلىقىز خانىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان ھالەتتىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ توسۇشلىرىغا ئۇنىماي مەكتەپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بىزنى تەسىرلەندۈردى.
مۇخبىرىمىز ئاغرىق ھالەتتە مەكتەپكە كەلگەن سۈمەييە ئېلىنى ئېلىپبە كىتابىنى ئوقۇپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.
«ھىرا تىل تەربىيەلەش مەركىزى» 2015-يىلى 14-دېكابىر سەفاكۆيدە قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپ ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 2016-يىلى مارتتا ئانا تىل سىنىپى تەسىس قىلىنغان. ھازىر مەركەزدە 7 ئوقۇتقۇچى بولۇپ 450 كۋادرات مېتىردىن چوڭراق ئوقۇتۇش بىناسىدا 150 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا ئىكەن. لوقمانجان ئابدۇللا ئانا تىل سىنىپىنى ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇرلارغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى، بالىلارنىڭ تۈركىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەردىن بولۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.