ياشلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.05.14
yashlarni-terbiyilesh-kursi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا د ئۇ ق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان يىغىن ئەھلى. 2015-يىلى 6-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە، بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردا بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

ۋەزىيەتكە ماس ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مەركىزى تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مانا بۇ ئۇيغۇر داۋا سېپىگە قېتىلىۋاتقان يېڭى ياش كۈچلەرنى يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى كەسپىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە د ئۇ ق نىڭ 10-نۆۋەتلىك ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 6-مايدىن 8-مايغىچە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئىدى. كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ياشلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، ئەركىنلىك جەڭچىسى بولۇش ئۈچۈن ياشلار قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قاتنىشىشىغا نېمە ئاساسلىق تۈرتكە بولغانلىقىنى ھەمدە يېتىلىش يوللىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ غەيۇر قۇربان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.