گېرمانىيەدە «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلدى
2019.01.24

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ شەھىرىدە قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ئانا تىل مەكتىپى رەسمىي ئوقۇش باشلىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەخسۇس جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتىگە قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك قارشىلىق ۋە تىركىشىش ۋەزىيىتى مەيدانغا چىقماقتىكەن. ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش پائالىيەتلىرى بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن.
19-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخ شەھىرىدە قۇرۇلغان «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ئانا تىل مەكتىپى تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئۆتۈپ، بۇ ئەتراپقا جايلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا گېرمانچە ئۆگىتىش، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن دەرس بېرىش پائالىيىتىنى رەسمىي يولغا قويغان.
دۆلەتنىڭ تەستىقى ۋە ماددىي ياردەملىرى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە ھەسسە قاتقان ۋە مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئامانگۈل ئەزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپتە تۇنجى قەدەمدە 2 سىنىپ تەڭلا دەرس باشلىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى سۆيۈندۈرگەن.
«تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ئانا تىل مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن رابىيە ئابلا خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا دەرسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي كىملىكىگە ئائىت تېمىلار ئاساسىدا 5 تۈرگە بۆلۈنۈپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نىلۇفەر خانىم كارلسرۇخ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە نىسبەتەن بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زور خۇشخەۋەر ۋە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.