ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئىقتىسادىي جەھتتىن تەقىبلەش كۈچەيگەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.11.03
xote-baziri-uyghur-tijaretchi-305.jpg خوتەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە مال ئالغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر جايلاردىكى بىر قىسىم پۇلدار، سودىگەر بولۇپمۇ جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ۋە يۈز ئابرۇيغا ئىگە ئىگىلىك تىكلىگۈچى، باي ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارمۇ دائىرىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھەقسىزلىقلارغا ئۇچراپ ھەتتا بەزىلىرى تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارتىلىپ قارىلىنىپ ئىگىلىكلىرى ۋەيران قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. يېقىن مەزگىل ئىچىدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان پاسپورتلارنى ئومۇميۈزلۈك يىغىش ھەرىكىتىدىمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى، پۇلدارلارنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ چەتئەلگە چىققان، ھەجگە بارغان ۋە تۈركىيەگە بارغان، چەتئەل بىلەن سودا قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تۆھمەتلەر ئارتىلىپ تۈرمىگە قامىلىش تەھدىتى ئىچىدە قالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

رادىئومىزغا نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر ياش، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىۋى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەنلىكى، بىر قانچە ھەپتە ئالدىدا ئىچكىرىدە سودا قىلىۋېتىپ، ئۆيىدىكىلەردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاكىسىنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭمۇ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ تىجارەتچىنىڭ ئاكامنىڭ نومۇرى دەپ ئېيتىپ بەرگەن تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. بۇ شىركەت دىرېكتورى ئالدىنقى كۈنى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ قىسقىچە جاۋابىدىن، ئۇنىڭ ھەجگە چىققانلىقىنىڭمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلىشتەك پاراكەندىچىلىكلىرىگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىزگە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ساقچى ۋە ئىستىخبارات دائىرىلىرى تۈركىيە ئارقىلىق ئۆمرە ھەجىگە بارغان ئادەملەرنى چاقىرتىپ سوراق قىلغان ۋە بىر قىسىملىرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى مەلۇم بىر يېمەك زاۋۇتى خوجايىنىنىڭمۇ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، بانكا ھېساباتىدا بىر قەدەر كۆپرەك پۇل بولغانلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە يېقىندا «تۈركىستان ۋاقتى» تورىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە « ئاتۇش شەھىرىگە قورۇلغان ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسى يېقىنقى 20 كۈن ئىچىدە شەرقى تۈركىستاندىكى تىجارەتچى ۋە سودىگەرلەرنى چاقىرتىپ، 30 پىرسەنتلىك باج قۇيۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ بىر ئۆمۈر باج تۆلەپ تاپقان پۇل ماللىرىنى، دۇكان سارايلىرى ۋە نەق پۇللىرىنى قاقتى سوقتى قىلىشقا باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋەن رايونىغا جايلاشقان كوچا قەھۋەخانىسىنىڭ خوجايىنىنى بۇ شەكىلدە چاقىرىپ يا 30 پىرسەنت باج تۆلەيسەن ياكى 10 يىل تۈرمىدە ياتىسەن دەپ تەھدىت سالغان ۋە پۈتكۈل ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويغان. بۇ خىل ئۇسۇلنى بۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە شىركەت خوجايىنلىرىغىمۇ قوللانغان بولۇپ، تېمىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە سۆزلەنگەن ئىقتىسادى بېسىمنى بۇ خىل بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ توپلىغان پۇل بىلەن تولۇقلىماقچى بولغان»، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەمما، بىز بۇ ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن دەلىللەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ خىلدىكى ئىنكاسلار مەۋجۇت بولماقتا.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت يىغىش ھەققىدە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەشلىرىمىزدە جەريانىدىمۇ، دائىرىلەرنىڭ پاسپورتنى يىغىپ تەكشۈرۈشتە ئاساسلىق چەتئەللەر بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئاتۇشتىكى بىر ساقچىنىڭ بايانلىرىدىنمۇ دەلىللەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا بازار ئىگىلىكى ۋە تور ئالاقە ئۇچۇر دەۋرىدە كەسكىن بازار رىقابىتى قاينىمىدا كۈچلۈك خىرىس ھەم ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر كارۋانچىلىقى بىر قىسىم ئىلغار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە ئىزدىنىشى ھەم خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە جۇلالانماقتا، شۇنداقلا خەلق ئۈچۈن ئەمىلى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

ھالبۇكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېتىلىۋاتقان كارخانا قۇرغان ياكى ھەر خىل شەكىللەردە چەتئەللەرگە بازار ئېچىۋاتقان ھەم تونۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدا تۈرلۈك ئادالەتسىز رىقابەتلەرگە يۈزلىنىۋاتقاندىن سىرت سىياسىي جەھەتتىن تۈرلۈك باھانىلەر ئارقىلىق بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلاردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى، مەشھۇر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر جەمەتىنىڭ ۋەكىلى-مۇسابايلار ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن، ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ قىسمەتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ شەرھلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.