ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى تەن جازاسى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى (1)

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە مەلۇم بولۇۋاتقان، شۇنداقلا كۆپ قىسىم ئاتا - ئانىلارنى بىئارام قىلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى دەرسخانىلاردا كۆزگە چېلىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش مەسىلىسىدۇر. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئاتا - ئانىلار بۇ ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

يېقىندا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسخانىسىدا بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرنەچچە ئوقۇغۇچىنى قاتار تۇرغۇزۇپ قويۇپ، قولىدىكى سۈپۈرگە بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىكتە ئەيىبلەپ بىر باشتىن ئۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىئو تارقالغان. ئارقا رەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ كۆرۈنۈشلەرنى باشقىلارغا بىلىندۈرمەي تېلېفون ئارقىلىق ۋىدىئوغا ئېلىۋالغانلىقتىن، ئالدى رەتتە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسىدىكى مەكتەپ نامى بۇ ئىشنىڭ قەيەردە بولغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تەن جازاسىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ سىستېمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىلھام سابىرغا يازغان ئوچۇق خېتى ۋە ئىلھام سابىرنىڭ جاۋاب خېتى دىققىتىمىزگە چۈشتى.

ئوچۇق خەتتە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرىدىغانلىقى ۋە خالىغانچە تەن جازاسى بېرىدىغانلىقىغا دائىر قىلمىشلارنى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىنكاس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناۋادا يۇقىرىدىن مۇپەتتىش خادىملىرى كېلىپ تاپشۇرۇق مىقدارى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن جازاسى قوللىنىش ئەھۋالى، مەكتەپلەرنىڭ ئارتۇقچە ھەق يىغىۋېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە سوئال سوراپ قالسا، ئوقۇغۇچىلار جەزمەن مەكتەپ تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلاپ بېرىلگەن ئىنكار قىلىش خاراكتېرىدىكى يالغان جاۋابلارنى بېرىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئاتا - ئانىلار بولسا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ يالغانچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈشتەك بۇ خىل قىلمىشىدىن ناھايىتى غەزەپلەنگەن.

ھالبۇكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئارقىلىق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپكە يەتكۈزگەن جاۋابىدا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ناتوغرا يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە باشقىلار رازى بولغۇدەك ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان. ئەكسىچە قېلىپلىشىپ قالغان كونىچە ئۇسۇلدا «پات يېقىندا ھەل قىلىش ئۈمىدىدە» بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتە باشقا رايونلاردىن خېلىلا ئەركىن بولىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر ئەھۋاللارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ باقماقچى بولدۇق. بۇ جەرياندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ئانا ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۈرۈمچىنىڭ تۇدۇنخابا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر كىشىمۇ بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن جازاسى بېرىش قىلمىشى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز، ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكى ۋىدىئوغا ئاساسەن شۇ مەكتەپ بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دەسلەپ بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.