تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ قانۇنلىرى ئاساسىدا، 2013-يىلى 12-ئايدا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە «چەتئەل تىلىنى چەتئەللىكتىن ئۆگىنىڭ!» شوئارى بىلەن يولغا چىققان مەڭگۈتاش چەتئەل تىلى تەربىيىلەش مەركىزى ئىقتىسادى جەھەتتە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى پائالىيىتى بىلەن بىرلىكتە، تەرجىمە خىزمەتلىرىنىمۇ قانات يايدۇرغان بولۇپ، مەنىۋى جەھەتتە مەڭگۈتاش چەتئەل ئوقۇش ئۇچۇرلىرى ۋە مەڭگۈتاش تور كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئىككى تۈردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلماقتا.
مەڭگۈتاش چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تورى
مەڭگۈتاش چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تورى، ئوقۇش ئارزۇسىدا يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يول كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر توردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 36 دۆلەتنىڭ دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتلىرى ۋە پايدىلىق ئوقۇش ئۇچۇرلىرى بولۇپ 150 دىن ئارتۇق ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
مەڭگۈتاش چەتئەل ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تور ئادرېسى: http://www.mengutas.com/chetel/
مەڭگۈتاش تور كۇتۇپخانىسى
مەڭگۈتاش تور كۇتۇپخانىسى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىشى ئۈچۈن پايدىلىق كىتاب ۋە ماقالە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۇيغۇرچە نادىر كىتاب ۋە ماقالە توپلاش ۋە تورغا قويۇپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىلىم ئىشقىدا يېلىنجاپ كۆيگەن ۋە چاڭقىغان يۈرەكلەرنى مەرىپەت بۇلىقىدىكى تامچىلار بىلەن بولسىمۇ سۇغۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
مەڭگۈتاش چەتئەل تىلى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئەسلى خىزمىتى تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا كېلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي قوۋملىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش چاقىرىقى ئەۋەتىش ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت) ئېلىش ۋە تۈركچە ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش، ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە ئىش تېپىپ ئىشلەش ئىشلىرىغا مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بولۇشتىن ئىبارەت.
مەڭگۈتاش تور كۇتۇپخانىسى تور ئادرېسى: http://www.mengutas.com/kutuphana/