نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2018-يىلنى «ئانا تىل يىلى» قىلىپ بېكىتتى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2018-يىلنى «ئانا تىل يىلى» دەپ ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارغانلىقىغا قارشى مۇھاجىرەتتە ئانا تىلنى قوغداشقا ئاتلاندى.

بۇ قارار 2017-يىلى 25-دېكابىر ئېچىلغان كومىتېتنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كومىتېتنىڭ ئۆتكەن يىللىق خۇلاسە ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرى قاتارىدا تارقالغان بۇ خۇشخەۋەر ئۇيغۇر ئانا تىل پىداكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ۋە دائىمىي ھەيئەت سەمەت ئابلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلىرى ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۇنجى بولۇپ ئاشكارا دوكلات ئېلان قىلغان تەشكىلات ھېسابلىنىدىكەن. كومىتېت رەئىسى بەختىيار ئۆمەر نورۋېگىيە جامائىتىنىڭ 2017-يىلى ئۆزىنى مۇشۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ ئۆتكەن يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار ھەققىدە توختالدى.

زىيارەت جەريانىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەپچىل چارىسى دىققىتىمىزنى تارتتى. ئۇلار «نورۋېكچە-ئۇيغۇرچە» لۇغەت تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا سېتىپ بېرىش ئارقىلىق كىرگەن كىرىمنى تۈرلۈك چىقىملارغا ئىشلەتكەن. مەزكۇر كومىتېت يەنە مالىيەدە ئوچۇق بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ھېساب كىتابنى جامائەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ تۇرغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى 2017-يىلى پىلانغا ئېلىنغان، ئەمما ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ نۇقتىدا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەردىن 2018-يىلى قىلماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلار ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرەتكۈچى قىز-ئاياللار خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كومىتېتنىڭ ياشلار ۋە قىز-ئاياللار خىزمىتى ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ئەلدىكى يەرلىك مىللەت سامىلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى قانداق ئۆگەنمەكچى بولغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى. سەمەت ئابلا ئەپەندى ئېيتقاندەك يوقىلىش خەۋپىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە ھېسداشلىق قىلىش ئېھتىماللىقى «ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ، دەرد كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ» دېگەن ئۇيغۇر ماقالىنى ئەسكە سالاتتى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى 2018-يىلى ئۇيغۇر «ئانا تىل يىلى» دەپ ئېلان قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 14 يىلدىن بېرى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى نورۋېگىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدە دوكلات سۇنۇش، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بەختىيار ئۆمەر رەئىسلىكىدىكى يېڭى رەھبەرلىك قوشۇنى 2017-يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئاكتىپ مۇلازىمەت ئۇسۇلى، دېموكراتىك خىزمەت ئىستىلى، ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش ماھارىتى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.