خەرنىسا خانىم: تەبىئىي مۇھىتنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان تەسىرى ۋە ئانا تىلىمىز

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار 1984 - يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەگە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن كېلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان كەسپلەردە زور ئۇتۇقلارنى قازانماقتا.

مانا شۇلاردىن بىرى خەرنىسا ياسىن 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مېھنەتكەشلىكى بىلەن، كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى بولغان بالىلار مائارىپ كەسپىدە ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان فۇكۇئوكا پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ، بالىلار مائارىپى، يەسلى تەربىيىسى كەسپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

خەرنىسا ياسىن ئۆزىنىڭ ياپونىيەدىكى كىشىلىك تۇرمۇش ھاياتىدا تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە ئىللىقلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان، ئۆز كەسپىدە ھارماي ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان، مىھنەتكەش بالىلار تەربىيىچىلىرىدىن بىرى. ئۇ، بۈگۈن دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئاتۇش ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىكى ئۇيغۇر يەسلى مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى قانداق ئۆگىتىش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە بالىلارغا قانداق شەكىلدە تەربىيە ئېلىپ بېرىشتەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتتە بولدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار خەرنىسا ياسىن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.