بۇ يىل 8-دېكابىر، 1994-يىلى دېكابىر قاراماي شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسىدا يۈز بەرگەن «8-دېكابىر ئوت پاجىئەسى» گە 21 يىل توشقان خاتىرە كۈن. 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مەزكۇر پاجىئەدە 76 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قارامايلىق خانىم ئەينى يىلدىكى پاجىئەنىڭ ئۆز قەلبىدە بىر قورقۇنچلۇق ئەسلىمە قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن مەلۇمكى، 1994-يىلى، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراماي شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مائارىپ خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىنغا قاراماي شەھىرىدىكى 7 تولۇق ئوتتۇرا، 8 باشلانغۇچ مەكتەپتىن بولۇپ جەمئىي 796 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر قىسىم كادىرلار قاتناشقان ئىدى. يىغىن جەريانىدا ئېلېكتر سەۋەبىدىن ئوت كېتىش ۋەقەسى كېلىپ چىقىپ، نەتىجىدە ئوت ئاپىتىدە 325 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 288 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 130 نەپەر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قاراماي شەھىرىدىكى بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەن ۋە كېيىنكى بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ ئەينى يىلى نەق مەيداندا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەرگە بارساق، ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يىغىلىپ كېتىپتۇ، ئۆلۈپ كەتكەن كىچىك بالالارنى، چوڭ ئادەملەرنى توشۇپ ماشىنىلارغا سېلىۋېتىپتۇ، خۇدى ئۇرۇش مەيدانىدەك كۆرۈنۈش ھازىرمۇ يادىمدا، يىغا-زار، شۇنداق ئېچىنىشلىق، بۇ ئىشلار ئېسىمدىن چىقمايدۇ.»
ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ئاپەتنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، 14 ئادەم ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىقىرىلىپ، ئۇلار يۇقىرىسى 7 يىللىقتىن تۆۋىنى 4 يىللىققىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو ياشلىرى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە بىر رەھبەرنىڭ «ساۋاقداشلار مىدىرلىماڭلار، رەھبەرلەر باشتا مېڭىۋالسۇن» دېگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئىچىدىكى ئەسلىدىكى شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى كۇاڭ لىنىڭ شۇ كۈنكى ئوت ئاپىتى جەريانىدا «ساۋاقداشلار مىدىرلىماڭلار، رەھبەرلەر باشتا مېڭىۋالسۇن» دەپ ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا چىققىلى قويمىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان ئىدى.
بۇ نۇقتىنى «8-دېكابىر قاراماي ئوت پاجىئەسى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتىنى بىلەن خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىگە سۆز قىلغان قارامايلىق ئاتا-ئانىلارمۇ ئوخشاش شەكىلدە بايان قىلىدۇ.
«سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى: «بالىلار بەك قورقۇپ كېتىپتۇ، ئەينى چاغدا يىغىن زالىدا ‹باشلىقلار باشتا چىقىۋالسۇن› دەپتۇ ئەمەسمۇ!؟.»
بۇ ھەقتە ئەينى يىلى ئوت كەتكەن كۇلۇبتىن تېرىك قېچىپ چىققانلارنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلغان قارامايلىق خانىم مۇنداق دېدى: «ئوت كېتىشى بىلەنلا ئۇلار بالىلارغا، ‹بالىلار سىلەر جىم تۇرۇڭلار، ما باشلىقلار باشتا چىقىۋالسۇن› دەپتۇ شۇ»
ۋەقەدىن كېيىن، سوتلانغان 14 كىشىنىڭ ئارىسىدا كۇاڭ لى «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان» دەپ 4 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «شۇاڭشۇاڭ» تورىدا ئېلان قىلىنغان 8-دېكابىر پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر خىتاي ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان «ئوقۇغۇچىلار مىدىرلىماڭلار، رەھبەرلەر ئالدىدا مېڭىۋالسۇن» ناملىق ماقالىدىمۇ قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ ئەنە شۇنداق مەزمۇندا ئوقۇغۇچىلارغا بۇيرۇق بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئەسلىدىكى شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى دوستلۇق كىنوخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان ئابلەت قادىرنىڭ كىنوخانىنىڭ توكلۇق ئىشىكىنى قايرىپ ئېچىپ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىدا يۈزى ۋە قولى كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ئۇ، 1995-يىلى ئېچىلغان سوتتا «ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.
شۇ ۋاقتىدا كېسىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن تۈرمىدىن چىققان بولۇپ، بىز بۈگۈن كۇاڭ لى ۋە ئابلەت قادىر ھەم باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى شۇنىڭدەك باشقا ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن قاراماي ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تېلېفونىمىز قوبۇل قىلىنمىدى.
«8-دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتى» ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئوت ئاپەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى ماقالىلەر ھەم ئىنكاسلاردا ئىزچىل تىلغا ئېلىندى.
8-دېكابىر ئوت ئاپىتى پاجىئەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھەر يىلى دېگۈدەك تۈرلۈك ئىنكاسلار ۋە ماقالە، ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىنىپ كېلىنمەكتە.