«خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن نازۇك تېما. بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا كەڭ نارازىلىق قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەب - ئۇنىڭ «قوش تىل» نامىدا خىتايچىنى مەركەز قىلغان «يەك تىللىق مائارىپ» نى ئۇيغۇرلارغا تاڭغانلىقىدا ئىدى.
گۈزەلنۇر، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش قويماسلىقنى خەلق قارار قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، قوش تىللىق مائارىپنى خەلق بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشى كېرەك.
گۈزەلنۇر ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر ئائىلە ئايالى. بىز تۈنۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى دىندارلىق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۈگۈن قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسىنى سۆزلەشتۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ داۋامىدا بولغاي.
0:00 / 0:00