ئۇلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نامى ئاستىدا ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي پائالىيەتلەردىن قاتتىق چەكلىمەكتە. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بىردەك يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇلغان مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دەپ ئاتىماقتا. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى شەكىللەندۈرگەن ئۆزىنى-ئۆزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بۇزۇۋېتىلگەن تەقدىردە، بۇنىڭ جەمئىيەتكىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىدىن، ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىشىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىش-ھەرىكەتلەرمۇ قانۇنسىز دىنىي تۈس ئالغان دېگەن تۈرگە كىرگۈزۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ياش-ئۆسمۈرلەر بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مەكتەپ بالىلىرى ئۆزىنىڭ دەرسىدىن باشقا ئاتېئىزم تەربىيىسى، ماركسىزم-لېنىنىزم تەربىيىسى، ماۋ زىدۇڭ ئىدىيىسى دەرسلىرىنىمۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىمۇ ئاشقان. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن دىنغا قارشى قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن مەسىلىنى كىچىك تۇرۇپ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ياشلارنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى چىڭىتىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە جايلاردا بىردەك «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، جاي-جايلاردا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر قارشى تۇرۇش تەشۋىقات، تەربىيىلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنى قۇرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشۋىقات گۇرۇپپىسى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر كۆپرەك كۆرۈلىدىغان، ئەرلەر ساقال قويۇۋالىدىغان، ئاياللار يۈزىنى ئېتىۋالىدىغان، غەيرىي كىيىنىۋالىدىغان بازار-مەھەللىلەرنى، دىنىي سورۇنلار ئەتراپلىرى ۋە مەكتەپلەرنى «نۇقتىلىق نىشان» رايونلار قىلىپ بەلگىلەپ چىقىپ، تەشۋىقاتنى ئاساسلىق شۇ ئورۇنلارغا قارىتىدىكەن. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەشۋىقاتنىڭ نىشانى قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدا، پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش،، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنى تەنقىد قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە زىيان سېلىۋاتقانلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولىدىكەن.
يېقىندا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەش ھەرىكىتىدىن باشقا يەنە، مەكتەپ بالىلىرىنى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ قول قويدۇرۇش، ئاتا-ئانىلىرىدىن ۋەدە ئېلىش، قول قويدۇرۇشقا ئوخشاش مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى دىنسىزلاشتۇرۇشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىسىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ھازىر شۋېتسىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلاردىن ھەسەن ئارتۇش ئەپەندى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى، ئوقۇتقۇچى زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە مەملىكەت مىقياسى بويىچە دىنىي پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ ھەرقايسى بىلىم يۇرتلىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى ئوخشاشلا چەكلەپ كەلگەن. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى كومپارتىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىر تەھدىت دەپ قارىغانلىقتىن، دىننىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇللاھ ئەخەت ئەپەندى بولسا دىننىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرۇشتىكى رولىنى تىلغا ئېلىپ، ياشلارنى دىنسىزلاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەتكىمۇ جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگىمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى دىندىن چەكلەش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى، قول قويدۇرۇشقا ئوخشاش مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا يەنە زوراۋانلىق يولىنىمۇ ئىشلەتمەكتە. بولۇپمۇ دىنىي تەلىم-تەربىيە كۇرسىغا ئەۋەتىلگەن 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ ساقچىخانىدىكى ئۆلۈمى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولۇپ، تېخى يېقىندىلا غۇلجا سامىيۈزىدە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن جازالانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇشۇنداق قاتتىق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرى بويىچە تەربىيىلەش ئاتا-ئانىلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر رىقابەت بوپقالدى. ھەسەن ئارتۇش ئەپەندى بۇنداق شارائىتتا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.