تاشپولات تېيىپنىڭ قىسمىتى: ئۆمۈرلۈك خىزمەت بەدىلىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى
2019.01.23

2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەھىمىگە سالغان بولسا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇندىكى بۇ زىيالىيلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان تاشپولات تېيىپقا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ كىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆمرى ئىلىم-پەندە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، «ئۆلۈم جازاسى» دېگەن ئاتالغۇ بۇنداق بىر شەخسكە پەقەتلا جىپسىلاشمايتتى.
دەرۋەقە، دۇنيانىڭ تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھەيران قېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى.
1990-يىللاردىن تارتىپ ئۇ «تاشپولات تېيىپ» دېگەن ئىسىم بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىغا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىگە بىلىنىشكە باشلىغان. 1992-يىلى ياپونىيەدىكى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جۇغراپىيە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان تاشپولات تېيىپ ئانا مەكتىپى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بۇرۇن ئون يىلچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا دەرس بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۆزىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى چوڭ بولغاندا جۇغراپىيە ئالىمى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەن تاشپولات تېيىپ قولغا ئېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا 35 يىللىق ئۆمرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيە ئىلمىگە دائىر تەتقىقات، تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قەدەم ئىزى تەگمىگەن ھېچ يەر قالمىغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرى خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان تاشپولات تېيىپنىڭ يىراقتىن سېزىش ئىلمى بويىچە ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىزدىنىشلىرى، ئوقۇتۇشتىكى ئىجتىھاتى ئاخىرى ئۇنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ئورنىغا ئېلىپ چىققان. ئۇ 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن. 2010-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپ مۇدىرى، قوشۇمچە ئۇنىۋېرسىتېت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.
ئامىي ئاندېرسون ئىمزاسىدا 21-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ بۇ جەرياندا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 50 نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا كۈچ چىقارغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەسى، قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسى، دەريا ۋە قۇملىشىش مەسىلىسى، شورلىشىشنىڭ تەسىرىنى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بايقاش، دەريا-ئېقىنلار ئېكولوگىيەسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، بەش پارچە مەخسۇس كىتاب يازغان ۋە خىتايچە، ئۇيغۇرچە تىللاردا نەشر قىلدۇرغان. بۇ ماقالىلەر ۋە كىتابلار تارىم ۋادىسى، جۇڭغار ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردىكى مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشىنىشتە تولىمۇ قىممەتلىك ئىلمىي ئاساسلار بولۇپ قالغان.
تاشپولات تېيىپنىڭ مانا مۇشۇنداق بىرقاتار ئىلمىي نەتىجىلىرى سەۋەبلىك فرانسىيەدىن ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن. خىتاي ئاخبارات ساھەسىدە كۆپ قېتىم زىيارەت ئوبېيكتى بولغان ھەمدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسى قاتارىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان. شۇ قاتاردا خىتايچە ئېلان قىلىنغان «تراكتور شوپۇرىدىن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورىغىچە» ناملىق ماقالىدا ئۇنىڭغا بېرىلگەن پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى «تاشپولات تېيىپنىڭلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىپى» دېيىلگەن. ئەنە شۇ شەرەپ ساھىبى بولسا 2017-يىلى مارت ئېيىدا گېرمانىيەدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققاندا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
تاشپولات تېيىپنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۆزىنىڭ دەسلەپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا تولىمۇ غەزەپلەنگەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ھازىرقىدەك مەدەنىيەت دەۋرىدە ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاشپولات تېيىپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن بولغان تارىخ پەنلىرىر دوكتورى قاھار بارات بولسا تاشپولات تېيىپنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، تاشپولات تېيىپتەك ئىلىم-پەننىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلىگەن بىر شەخسنىڭ ئەمدىلىكتە «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن بەتنام بىلەن ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشىنى ماھىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلگەن بىر سىگنال، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدىكەن.
قاھار بارات بۇ قاراشنى قوللاش بىلەن بىرگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى «كۆۋرۈك» لۈك رولىنى ئوينىغان شەخسلەرنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىدەك رېئاللىقنىڭ يەنە بىر جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاخىرقى گىرۋەككە قىستاپ بارغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى نۆۋەتتە مەخپىي سوت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن تولىمۇ چەكلىك ھالەتتە بىلىنمەكتە ئىكەن.