باش شتابى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يېقىندا 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2018-يىللىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان ئىدى. 2014-يىلى تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپات تۈركىيەدە ئۆز راسخوتى بىلەن ياخشى ئوقۇۋاتقان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى تارقىتىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2018-يىللىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى، 25 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىن نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 4 يىلدىن بۇيان «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى تارقىتىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى چەتئەللەردىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئوقۇش مۇكاپاتى تەرىقىسىدە ياخشى ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ كەلمەكتە. ئاكادېمىيەنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بۇرھان سەلەي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ يۇرتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغانلىقىنى، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەلۇمكى، تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدەك مۇساپىرلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەيدۇ. تۈركىيەدە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىمتىھان بېرىپ ياخشى كەسىپلەرگە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشتە قىينالماقتا. بۇلاردىن بىرى ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىگە تاللانغان ئۇيغۇر قىز-ئامىنە باراتتۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە 9 جاننىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ تۈرك تىلىنى ياخشى بىلمىگەچكە تېخىچە ئىش تاپالمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بەكلا خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئامىنە بارات يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2017-يىلى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يۇرتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كېسىلگەن بولغاچقا، ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچار بولماقتىكەن. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى خىل يول بىلەن ياردەم قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرغاندىن سىرت، 2014-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ياخشى ئوقۇۋاتقان 49 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتقان.