2015-يىلى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپلەپ مۇھاكىمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.12.28
diplomatiye-mektipide-uyghur-mesilisi.jpg تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قوجائېلى ۋىلايىتىدىكى دىپلوماتىيە مەكتىپىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنماقتا. 2015-يىلى 26-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

2015-يىلى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 26-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قوجائېلى ۋىلايىتىدىكى دىپلوماتىيە مەكتىپىدە بولۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىندا ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى» نىڭ سابىق باشلىقى، «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. 3 سائەت داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنىغا 80 ئەتراپىدا ياش ئوقۇغۇچى قاتناشقان. مەزكۇر دىپلوماتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى 2015-يىلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قاتار ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنىنى قوجائېلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى قوللىغان بولۇپ، قوجائېلىدىكى مەزكۇر خەلقئارالىق دىپلوماتىيە مەكتىپىدە قەرەللىك ھالدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر ۋە مەزكۇر مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن. بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن « شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىسقىچە تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ھۆججەتلەر بىلەن ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى كۈچەيگەن. ئىگىلىشىمىزچە، بولۇپمۇ، 2015-يىلى بىر يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 10 ئۇنىۋېرسىتېتىدا، تەخمىنەن 15 قېتىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىللىگەن ئىكەن.

تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان ژۇرنالىست، ئازاتجان بۇغرا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ، نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قارىغاندا ئازلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بەلكى قوجائېلى دىپلوماتىيە مەكتىپىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ 2015-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

خوجائېلى خەلقئارا دىپلوماتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن دوكلات بەرگەن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇنداق ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تۈركىيەدىكى ياش ئەۋلادلارغا، زىيالىيلارغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشتىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ خەلقئارالىق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقىلار مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقات مەسىلىلىرى بويىچىمۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 18-دېكابىر كۈنى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تەتقىقات ھاياتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، ئىستانبۇلدا 20-ئەسىردىكى مەشھۇر تارىخچى ۋە سىياسىيونلاردىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەم دەۋرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.