ئوقۇتقۇچىلارغا قىشلىق تەتىلدە نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى
2015.02.12
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق يېڭىشەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قىشلىق تەتىلگە چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىپ، ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئىشقا سالغانلىقى، مەھەللە ۋە ئائىلىلەردە دىنىي ماتېرىيال كۆرگەن، ئوقۇغان ئىشلارنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارغا دىنىي جەھەتتە تەلىم بەرگەن-بەرمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى يېقىندىن سۈرۈشتە قىلىدىكەن. ئەھۋال بايقالسا، ئۇلار دەرھال مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇ ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزىدىكەن.
بىز يۇقىرىدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، يېڭىشەھەردىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېڭىشەھەردە 12-يانۋار يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، قەشقەر تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ، ئىدارە-ئورگانلاردا نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، مەكتەپلەردە كۈندۈزلىرى ئايال ئوقۇتقۇچىلار، كېچىلىرى ئەر ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتلىشىپ كۆزەتچىلىك قىلىدىكەن.