ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگو تىل ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە تۈزگەن ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (ۋ ي س ك) لايىھىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە سۇنۇلغان.

مەزكۇر يىغىن خىتايدىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغان ھەمدە «ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا يولغا قويۇلغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل مەدەنىيىتىنىڭ قوغدالغانلىقى ۋە تەرەققىيات كاپالىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ يىغىن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا دۆلەت تىل كومىتېتى، جۇڭگو يېزىق ئىلمىي جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەكلىپ قىلىنغان 20 نەچچە مۇتەخەسسىس قاتناشقان. دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، ئۇيغۇر تىلى بويىچە دۆلەتلىك سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن مەيدانىغا پەقەتلا خىتاي تىلىدا لوزۇنكا ئېسىلغان. ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا داۋراڭ سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (ۋ ي س ك) ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جۇڭگو مائارىپ تورى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش دەرىجە ئىمتىھانى خىتايدا موڭغۇل تىلى ۋە جۇاڭزۇ تىلىدىن كېيىن ئۈچىنچى بولۇپ يولغا قويۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدىكى تاراتقۇلار بەس-بەستە بۇنى «18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش چاقىرىقىنىڭ ئىشقا ئېشىشىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
پەزىلەت خانىم ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (ھ س ك) يولغا قويۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي تىلى 8-دەرىجە ئىمتىھانى مائارىپ ۋە ئىلمىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىش-قالالماسلىقتىكى بىردىن-بىر شەرتكە ئايلانغان. ھەتتا خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆتكەلدىن مۇستەسنا بولالمىغان. ئەمما خىتايلار ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق تىل شەرتى قويۇلمىغان. پەزىلەت خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش تەشۋىقاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئاراغا بىر تاشقى كۆرۈنۈش ياساشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى قوش تىللىق مائارىپ نامىدا يەككە تىللاشتۇرۇلغان مائارىپ شارائىتىدا ھېچقانچە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.