ئۇيغۇر ياش: «ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى قېتىم مۇسۇلماندەك روزا تۇتالىدىم»
2015.07.14
18 ياشقا توشمىغان ياش ئۆسمۈرلەرنى مەسچىتكە كىرىشتىن رەسمىي چەكلىگەندىن سىرت، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي ئىبادەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دىنسىزلاشتۇرۇش تەربىيىسىگە مەجبۇرلىدى. بولۇپمۇ رامزان مەزگىلىدە، مەكتەپلەردە مەجبۇرىي غىزالاندۇرۇلۇش، روزا تۇتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى بولسا جازالاش، ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدەشتەك قاتتىق تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك داۋام قىلىپ كەلدى. مانا بۇ تەدبىرلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان «قوش تىل مائارىپى» سىياسىتى بىلەن ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەمما بىز ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بايانلىرىدىن، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆزلىگەن مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ھەم دىنىي كىملىكىنى ئىزدەش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن، ئەمدىلا ياشلىقىغا قەدەم قويغان بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.