تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار: «قىزلارنى ئوقۇتۇش كېرەك!»
2017.11.16

«قىزلارنى ئوقۇتۇش كېرەك!» دېدى تۈركىيە مۇزىكا ساھەسىدە پارلىغان ئۇيغۇر قىزى گۈلدىيار تەڭرىتاغلى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سەل قاراۋاتقان ئەڭ خەۋپلىك ئىشنىڭ مائارىپ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلى قىزلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ تۈركىيەدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرلۈك خاتا چۈشەنچىلەر سەۋەبلىك قىزلارنى ئوقۇشتىن توختاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنسىزلاشتۇرۇش سەۋەبلىك بالىلارنى ئوقۇتمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈركىيەدەك مەكتەپلەردە «قۇرئان» ۋە دىن دەرسى بار بىر ئەلدە بالىلارنى ئوقۇشسىز قويۇشتىكى سەۋەبنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ تۈركىيەدىكى تۇغۇت دوختۇرلىرىنىڭمۇ ئەرلەر ئىكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىش بىلەنلا قالماي، سەۋەبنىڭ قىزلارنى ئوقۇتماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
90-يىللار ۋە 2000-يىللاردا گۈلدىيار ئىككى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان. ئۇ بۇ ئون نەچچە يىل ئىچىدە تۈزۈك ئۆزگەرمەي ئۇنى ئېچىندۇرغان ئىشنىڭ قىز-ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدا كۆپ ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ كىچىك قىزلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. گۈلدىيار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ۋە ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى سىڭىللارغا ئۈلگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور نۇرانىيە ھىدايەت خانىممۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا قىزلارنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بېيجىڭدىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالغاندا دادىسىنىڭ جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان «قىز بالا پىششىق ئاش» دېگەن خاتا چۈشەنچىسىگە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى ئەسلىمە قىلدى.
گۈلدىيارنىڭ ئانىسى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە ياتسىراش، كۆنەلمەسلىك، چەتكە قېقىلىش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ ئامىللارنىڭ بالىلاردا مۇستەقىللىق يېتىلدۈرۈشتە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ دوستى، سىردىشى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆز كەچۈرمىشىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.
گۈلدىيارنىڭ دادىسى، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى كۆز ئالدىدىكى مۈشكۈلاتتىن قورقۇپ، ئاسايىشلىقنى كۆزلەپ، بالىلارنى ئوقۇتماسلىقنىڭ خەتىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇھاجىرەتتە ياشاش مۈشكۈل بولسىمۇ، مۇساپىرلارغا قىيىنچىلىقلار پۇتلىشىپلا تۇرسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە بالىلارنى تەربىيەلەشتە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكانت گۈلدىيار تەكىتلىگەن قىزلارنى ئوقۇتۇش تەشەببۇسى بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا پەننى مائارىپنىڭ بىرىنچى قەدىمىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئابدۇقادىر داموللام مائارىپقا، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئوغۇل بالىنى ئوقۇتۇش بىر ئادەمنى قۇتقۇزۇش بولسا، بىر قىز بالىنى ئوقۇتۇشنىڭ بىر ئائىلىنى قۇتقۇزۇش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.