ئۆسمۈرلەر «ئۇيغۇرۇم-ئانام» ناملىق ئانا تىل مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.27
Uyghurum-anam.jpg «ئۇيغۇرۇم-ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى. ئۇيغۇر يار تورى (www.uyghuryar.org).
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن «ئۇيغۇريار فوندى» بىلەن «ئۇيغۇر ئاداشلار گۇرۇپپىسى» پۈتۈن دۇنيادا «ئۇيغۇرۇم-ئانام» ناملىق ئانا تىل كۆرىكى ئۆتكۈزۈش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان ئىدى. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى 14 پارچە ناخشا ۋە دېكلاماتسىيە، 40 پارچە تۈرلۈك رەسىم ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى، 3 پارچە ئەدەبىي ئەسەر ئەۋەتكەن. «ئۇيغۇريار» نىڭ كۆرەككە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىدىن كۈندۈزاي ھامۇت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسەر ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىچىكى ئۈچ ياش، چوڭى 12 ياش بولۇپ، بۇلار ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىشقا بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

شۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندى ئون نەچچە يىلدىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىپ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ بالىلارنى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇرۇم-ئانام» ئانا تىل كۆرىكىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش رولى بارلىقىنى بايان قىلدى. 

ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندى بۇ كۆرەككە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ تېمىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغانلىقى» نى بايان قىلدى. 

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇرۇم-ئانام» ئانا تىل كۆرىكىگە 57 پارچە ھەر تۈرلۈك ئەسەر ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن يېرىمىگە يېقىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپاتلارغا تاغ-دەريا، ھايۋانات ۋە گۈل-چېچەكلەرنىڭ ناملىرى بېرىلگەن. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇنداق ناملارنى بېرىشتىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى. 

«ئۇيغۇر ئاداشلار گۇرۇپپىسى» نامىدىكى ۋاتساپ گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ھازىر شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈندۈزاي خانىم، «ئۇيغۇريار فوندى» بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى كۈتكەن ئۈمىدكە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇللىرىدىن باتۇر قاراخانلى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، 2018-يىلى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى يىغىپ لاگېر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

«ئۇيغۇريار فوندى» 2016-يىلى 10-ئايدا مەرىپەتپەرۋەر 7 نەپەر ئۇيغۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.